9-ئاينىڭ30-كۈنى، ساقچىلار نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. شۇ كۈنى، نىڭشىيانىڭ يىنچۈەن شەھىرىدە 13 ماشىنا ئۆز ئارا سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، بىر ئادەم ئېغىر يارلانغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن، يىنچۈەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەتىرىتى، قاتناش ساقچى تارماقلىرى، داۋالاش ئورگانلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ قۇتقۇزۇش ۋە نەق مەيداننى تازىلاش خىزمىتىنى ئىشلىدى. نىڭشىيا شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەتىرىتىنىڭ خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىڭشىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەچكە، يوقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ كۆرۈش ئارلىقى 30 مىتىرغىمۇ بارمايدىكەن، بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە ھەتتا 10 مىتىرغىمۇ يەتمىگەن. نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.
ئوت ئۆچۈرۈش ساقچىلىرى نەق مەيداندا يارلانغانلارنى قۇتقۇزماقتا
ئوت ئۆچۈرۈش ساقچىلىرى نەق مەيداندا يارلانغانلارنى قۇتقۇزماقتا