ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئاۋېستىرالىيەلىك ئايال 165 مېتىر ئېگىزلىكتىن چۈشۈپ كەتتى

2010-يىلى10-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:نامەلۇم تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
خەلقئارا لېنىيە تورى مەخسۇس خەۋىرى: ئاۋېستىرالىيەدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بىر ئايال مالايسىيادىكى ئىككىنچى ئېگىز مۇناردىن سەكرەش مەشىقىدە، پاراشوت ئېچىلماي، 165 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چۈشۈپ كېتىپ بەختكە قارشى قازا قىلدى. 42 ياشلىق
  



خەلقئارا لېنىيە تورى مەخسۇس خەۋىرى: ئاۋېستىرالىيەدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بىر ئايال مالايسىيادىكى ئىككىنچى ئېگىز مۇناردىن سەكرەش مەشىقىدە، پاراشوت ئېچىلماي، 165 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چۈشۈپ كېتىپ بەختكە قارشى قازا قىلدى.
42 ياشلىق كەيلى تانتى مارىئون ئالدىنقى كۈنى مالايسىيانىڭ شىمالىدىكى Alor Setar تېلگىراف مۇنارىدا پاراشوت بىلەن سەكرەش مەشىقى قىلىپ، 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق پاراشوت بىلەن سەكرەش پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلغان. شۇ كۈنى، 3-قېتىم سەكرىگەن ۋاقىتتا، مارىئوننىڭ پاراشوتى تويۇقسىز ئېچىلمىغان، ئۇ 165 مېتىر ئىگىزلىكتىكى مۇناردىن تىك چۈشۈپ كېتىپ، نەق مەيداندا جان ئۈزگەن.
ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، پاراشوتتىن كاشىلا چىققاندا، مارىئون ئۆزىنى ناھايىتى بېسىۋېلىپ، چۈشۈش جەريانىدا پاراشوتنى قايتا ئېچىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ئوڭۇشلۇق بولماي، چۈشۈپ كەتكەن.
Alor Setar تېلگىراف مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 165 مېتىر بولۇپ، مالايسىيادىكى ئىككىنىچى ئېگىز مۇنار بولۇپ، دۇنيا بويىچە 18-ئېگىز مۇنار ھېسابلىنىدۇ. شۇ كۈنى پاراشوت بىلەن سەكرەش مەشىقىگە قاتناشقان باشقا 24 ئادەم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارلىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىسپانىيە ماھىرلىرىمۇ بار ئىكەن

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!