ئايال پادىشاھ ئېلزابىت
«نيۇيورۇك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت II دۇنيا بويىچە، ئەڭ باي ئاياللارنىڭ بىرى، ئۇ بوككىنخام ئوردىسىغا يىلدا يىلدا 1 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىسىنىش خىراجىتى بېرىدىغان بولسىمۇ، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئىسىنىش تولۇقلىمىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان «نامراتلار فوندى» غا ياردەم بېرىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان. بۇ ئىش ئاشكارلانغاندىن كېيىن پادىشاھ ئوردىسى بىلەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەڭقىسلىقتا قالدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2004-يىلى «نامراتلار فوندى» غا تولۇقلىما بېرىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. چۈنكى بۇ ئىش ئاشكارلىنىپ كەتسە، پايدىسىز سىياسىي ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشتىن ئەندىشە قىلغان. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى