نەپەس ئالالماي قالغان جېيمىس.سىبۇ مۆكۈۋالغان ئەخلەت توشۇش ماسىنىسىدىن ئىلىپ چىقىلدى
ئەخلەت توشقۇزۇلغان ماشىنا
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 24-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئادەمنى ئەجەپلەندۈرىدىغان بىر قېتىملىق ۋەقە يۈز بەرگەن. يەنى ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاللىئانس شەھىرىدە، بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن ۋەقە سادىر قىلغۇچى جېيمىس.سىبۇ 24-سېنتەبىر ئەتىگەندە يەرلىكتىكى بىر تاللا بازىرىغا كىرىپ قىممىتى 1000 ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان بۇيۇمنى ئوغرىلاپ چىققاندىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ سېزىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، تاللا بازىرىنىڭ كەينىگە توختىتىپ قويۇلغان ئەخلەت توشۇش ماشىنىسىغا چۈشۈۋالغان. ئەخلەت توشۇش ماشىنىسى بىسىپ، يانجىش ئەسلىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۇرۈشكە باشلىغاندا ئۇ ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ھەرقانچە قىلىپمۇ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئامالسىز ساقچىلارغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.
يەرلىك ساقچىلار تېلىفوننى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال كىلىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ ئىلىپ چىققان. بىر ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قۇتۇلدۇرۇپ چىقىلغاندا سەككىز توننا ئەخلەتنىڭ ئىچىدە بىر سائەتتىن ئارتۇق تۇرغانلىقتىن نەپىسى ئۈزۈلۈپ قالغىلى تاسلا قالغان ئىكەن.