ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياپۇنىيەدە كېيىنكى ئەۋلاد دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ماشىنىسى مەيدانغا كەلدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:nur.cn تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
جوڭشىن تورى 1-ئۆكتەبىر تېلگىراممىسى: ئورتاق ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپۇنىيە فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنى 1-ئۆكتەبىر كوبى شەھىرىدە ھېسابلاش ئىلمىي تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبىرىكلەش مۇراسىمىدا، قۇرۇلمىسى دەرىجىدىن تاشقىرى ب
  




جوڭشىن تورى 1-ئۆكتەبىر تېلگىراممىسى: ئورتاق ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپۇنىيە فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنى 1-ئۆكتەبىر كوبى شەھىرىدە ھېسابلاش ئىلمىي تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبىرىكلەش مۇراسىمىدا، قۇرۇلمىسى دەرىجىدىن تاشقىرى بولغان 800 ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ 8 ىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 800 ھېسابلاش ماشىنىسى ئۇزۇنلىقى 60 مېتىر، كەڭلىكى 50 مېتىر بولغان تۆۋرۈكسىز ئۆيگە قويۇلغان. بۇ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان 8 ھېسابلاش ماشىنىسى ئۆينىڭ تۆت بۇلىڭىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھەربىرسىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 2 مېتىر ئىكەن. «دەرىجىدىن تاشقىرى» ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ سۈرئىتى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈلگەن بولۇپ ھەر سېكۇنتا 10 مىڭ تىرىليون قېتىم بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ئالدىن مۆلچەرلەش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ تۆھپە قوشۇشىدا ئۈمىد بار.
ئاشكارلىنىشىچە، بۇ تۈردىكى تەتقىقات ئۈچۈن 112 مىليارد ياپۇنىيە يىنى(9 مىليارد خەلق پۇلى) مەبلەغ كەتكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!