
شىنخۇا تورى تېھران 28–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن شۇ يەر ۋاقتى 28–سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن تېھراندا ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجاد بىلەن كۆرۈشتى .
لى چاڭچۈن ئالدى بىلەن رەئىس خۇجىنتاۋنىڭ ئەھمەدى نىجادقا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزۈپ ، ئەھمەدى نىجادنىڭ جۇڭگونىڭ چىڭخەي يۈشۇ ۋە گەنسۇ جوۋچۈدە ئارقا–ئارقىدىن يۈز بەرگەن زور تەبىئىي ئاپەت ئۈچۈن ئەۋەتكەن ھال سوراش تېلېگراممىسى ھەمدە بۇ يىل ئىيۇندا جۇڭگوغا كېلىپ شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئىران دۆلەت سارىيى كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . لى چاڭچۈن مۇنداق دېدى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە ، جۇڭگو ــ ئىران مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى . ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ ، ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىنىڭ دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ ، مەدەنىيەت ، مائارىپ ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىسى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتى .
ئەھمەدى نىجاد مۇنداق دېدى : ئىران بىلەن جۇڭگو ئاسىيادىكى چوڭ ھەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ ، نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارا خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە ئورتاق قاراشقا ئىگە شۇنداقلا ئوخشاش بولغان پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ . ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ھەمدە ھەر قايسى رايونلارنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق . ئىران جۇڭگوغا نىسبەتەن دوستانە سىياسەتلەرنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويىدۇ ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ، ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدۇ .
ئۇ يەنە ئىران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىدە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتتى .