ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ۋېن جياباۋ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى

2010-يىلى09-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
          شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نيۇ يورك، 23 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ شۇ جاي ۋاقتى 23 – سېنتەبىر نيۇ يوركتا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەر سەمىمىي، ئەمەلىيەتچىل ۋە ئىجابىي كەيپىياتتا جۇڭگو – ئامېرىكا
  

   

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نيۇ يورك، 23 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ شۇ جاي ۋاقتى 23 – سېنتەبىر نيۇ يوركتا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەر سەمىمىي، ئەمەلىيەتچىل ۋە ئىجابىي كەيپىياتتا جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ھەم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچ باغلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتىغا زور بېسىم ۋە خىرىس، شۇنداقلا يېڭى ھەمكارلىق پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. ئىككى تەرەپ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئىككى تەرەپلىك ساھەلەردە سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، رىقابەتچى ئەمەس، بەلكى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەيدىغان ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك.

    ۋېن جياباۋ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋە ئەمەلىيەتچىل ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش جەھەتلەردە كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپلىك دائىرىدىن خېلىلا ھالقىپ، دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ كېلەر يىلى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىغا پائال تەييارلىق كۆرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

    ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىجابىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىدا ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇردى. بۇ، دۇنياغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادقا ئائىت سۆھبەتنى كۈچەيتىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

    ئوباما 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ۋە ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى رەھبەرلەرنىڭ بىرەسمىي يىغىنى مەزگىلىدە رەئىس خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ كېلەر يىلى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

    ۋېن جياباۋ ئوباما بىلەن يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ئۈستىدە پىكىرلەشتى.

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!