
ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز ، پىراكتىكانت ئابلەتجان تۇرسۇن خەۋىرى : 25–سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، تۈركىيە ‹‹ ئىلىم خەزىنىسى ›› ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ ئېنتېرنىت تورى ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ باش مۇھەررىرى جۇ جيەنخۇانىڭ ھەمراھلىقىدا تەڭرىتاغ تورىدا زىيارەتتە بولدى ۋە تەڭرىتاغ تورىدىكى ھەر مىللەت مۇھەررىر ، مۇخبىرلار بىلەن قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى .

تۈركىيە ‹‹ ئىلىم خەزىنىسى ›› ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمگە كىرىپ ، مۇھەررىر ، مۇخبىرلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى . ئارقىدىن تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى قەيسەر قېيۇم تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ، ھەر قايسى قانال–سەھىپىلەرنىڭ مەزمۇنى ، خەۋەر–ماقالىلەرنىڭ يېڭىلىنىش قېتىم سانى ، چېكىلىش ئەھۋالى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى . بۇ ۋاقىتتا ، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى مۇزەپپەر ئاپپاراتى ئارقىلىق تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ باش بېتىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى . قەمىر قاسىم يەنە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ تور بەت ئادرىسىنى خاتىرىلىۋالدى . ئۇلار ئورتاق ھالدا تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىكەن ، بىز تەڭرىتاغ تورى بىلەن تۈركىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز دېيىشتى .

ئارقىدىن ئۇلار تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەنزۇچە ، ئىنگىلىزچە ، رۇسچە ، قازاقچە بۆلۈملىرىگە كىرىپ ، ھەر قايسى يېزىقتىكى تور بەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى . ئۇلار بۇ تور بەتلەردىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ئۇچۇرلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقى شۇنداقلا ، شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى . ئۇلار يەنە تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئىشخانا كارىدورىغا ئېسىپ قويۇلغان ‹‹ 2006–يىلى 11–ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو بىلەن تۈركىيە دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى ›› خاتىرىلەنگەن سۈرەتلەرنى كۆرۈپ ، بۇ سۈرەتلەرنى بەس–بەستە سۈرەتكە تارتىۋېلىشتى .
