
ماتېرىيال سۈرەت: 13–سېنتەبىر ، كورىيە سېئۇل قىزىل كىرىست جەمئىيىتى باش ئىشتابىدا ، كورىيە قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ لېدىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى، ئۇ چاۋشيەننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ، چاۋشيەننىڭ كەلكۈن ئاپىتى زىيىنىغا ئۇچرىغان رايونلىرىنى 5000 توننا گۈرۈچ ۋە 10 مىڭ توننا سېمونت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى
شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 26–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : كورىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى 26–سېنتەبىر مۇنداق دېدى: كورىيە قىزىل كىرىست جەمئىيىتى كېلەر ئايدا چاۋشيەننى 5000 توننا گۈرۈچ قاتارلىق ماددىي ياردەملەر بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلاۋاتىدۇ ، بۇ پىلان ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك.
بۇ ، كورىيە زۇڭتۇڭى لى ميۇڭباك 2008–يىلىنىڭ بېشىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ، كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم مەبلەغ ئاجرىتىپ چاۋشيەننى گۈرۈچ بىلەن تەمىنلىشى ھېسابلىنىدۇ . چاۋشيەن ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر ھۆكۈمەت كومىتېتى ھازىر بۇ ياردەم بېرىش پىلانىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ‹‹كومىتېت 28 - سېنتەبىر پارلامېنتقا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دوكلات قىلىدۇ ، كومىتېت مەسئۇلى، بىرلىككە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ ئەمەلدارى شۇ كۈنى قىممىتى 8 مىليارد ۋونلۇق (تەخمىنەن 6 مىليون 900 مىڭ دوللار) بۇ ياردەم پىلانىنى رەسمىي تەستىقلاشنى پىلانلىدى، بۇ مەبلەغ جەنۇب - شىمال ھەمكارلىق فوندىدىن ئاجرىتىلىدۇ››.
بۇ ئەمەلدار: پىلان بويىچە، ياردەم ماددىي ئەشيالىرى 25 - ئۆكتەبىر كورىيە پورت شەھىرى كۇنساندىن ئېلىپ چىقىلىپ، سۇ يولى تىرانسپورتى ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ سىنئۇيجۇ رايونىغا يەتكۈزۈلىدۇ، دېدى.
چاۋشيەننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن سېنتەبىرنىڭ باشلىرىغىچە قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، دەريالارنىڭ سۈيى تېشىپ كەتكەن، بولۇپمۇ سىنئۇيجۇ رايونىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان. چاۋشيەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ رايوندىكى 7700 دىن ئارتۇق ئائىلىلىكنىڭ تۇرالغۇسىنى كەلكۈن ئېلىپ كەتكەن، 7200 نەچچە گېكتار (بىر گېكتار 15 مو) ئېتىزنى سۇ بېسىپ كەتكەن، زور مىقداردىكى ئۇل ئەسلىھەلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
چاۋشيەن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ باشقا بىر ئەمەلدارنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، 5000 توننا گۈرۈچتىن باشقا، ياردەم ماددىي ئەشيالىرى يەنە 10 مىڭ توننا سېمونت، 3 مىليون قاپ قولاي چۆپ ۋە بىر قىسىم داۋالاش بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.