خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيە ھەربىي تەرەپ 27-سىنتەبىر، 3 نەپەر ئاۋسترالىيە ئەسكىرى ھەربىي ھەرىكەتتە 5 نەپەر ئافغانىستانلىق بالىنى ئۆلتۈرگەن دەپ ئەيىپلەندى.ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاز دېگەندە بىر ئەسكەر قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىدۇ، دەپ ئېلان قىلغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيە ھەربىي تەپتىش ئەمەلدارىرىنىڭ دېيىشىچە، ئىككى يىل ئىلگىرى، ئاۋسترالىيە ھەربىي قىسمى ئافغانىستاندىكى ئۇرۇزگان ئۆلكىسىدە تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى يوشۇرنىۋالغان دەپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاپ، 6 ئادەمنى ئېتىۋەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 5 بالا ۋە بىر قوراللىق ئۇنسۇر جىنايەت گۇماندارى بار بولۇپ، 4 ئادەم يارلانغان.
ئاۋسترالىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن 30 ئاۋسترالىيە ئەسكىرى كېچىدە «ئەسىرگە ئېلىش ۋە ئۆلتۈرۈش» نامىدىكى ۋەزىپە بويىچە، بىر ئۆيگە ھۇجۇم قىلغان، ۋە ئۆيدىكى بىر ئافغانىستانلىق ئەر بىلەن قوراللىق ئېتىشىشپ كەتكەن. ئاۋسترالىيە ئەسكىرى قول بومبىسى تاشلاپ ئۆينى پارتىلىتىۋەتكەن، پارتىلىتىشتا بۇ ئەر بىلەن ئۆيدىكى ئىككى بوۋاق قوشۇلۇپ 5 بالا ئۆلگەن. پارتىلاشتا باشقا يەنە ئاياللار ۋە بالىلار يارلانغان.
ئاۋسترالىيە ھەربىي تەرەپ بۇ ۋەقەنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇ 3 ئەسكەرنى ئەيىپىلگەن، ئاۋسترالىيە ھەربىي تەرەپ باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە، ئاز دېگەندە بىر ئەسكەر قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىدىكەن.
بىراق، بۇ 3 ئەسكەر ئىچىدىكى ئىككى ئادەمنىڭ ئادۋۇكاتى ئۇلارنىڭ جىنايىنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ، ئامالنىڭ بارىچە ئۇلارنىڭ قوغدىشى مۇمكىن.
ئىگىلىنىشىچە، چەتئەل ھەربىي قىسمىنىڭ ھۇجۇم قىلىپ ئافغانىستان خەلقىنى ئۆلتۈرۈشى ئۈزلۈكسىز ئافغانىستان ئۇرۇشىدىكى نازۇك مەسلە بولۇپ كەلمەكتە، ب د ت نىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، 1271 نەپەر ئافغانىستان خەلقى زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلگەن، ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق چەتئەل قىسىملىرى بۇنىڭ ئىچىدىكى %24 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە مەسئول بولۇشى كېرەككەن.