
بېزەلگەن سەيلە ھارۋىسى
27–سېنتەبىر سائەت 17:00 لەردە ، چىرايلىق مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىشكەن 300 نەچچە شىنجاڭلىق قىز–يىگىت شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى باغچىسى يەرمەنكە چوڭ يولىدىكى 800 مېتىرلىق سەيلە يولىدا ناخشا ئېيتىپ ، ئۇسسۇل ئويناپ ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى . ئەسلىدە ، بۇ شىنجاڭ بەدىئىي تىياتىرخانىسى ناخشا –ئۇسسۇل ئۆمىكى ، مىللىي ئوركېستىر ، شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى ۋە شىنجاڭ مەدەنىيەت–سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئارتىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن ‹‹ شىنجاڭ ياخشى جاي›› ناملىق چوڭ تىپتىكى بېزەلگەن ھارۋا سەيلە قوشۇنى ئىدى.
شۇ كۈنى ، دۇنيا يەرمەنكىسى شىنجاڭ پائالىيەت ھەپتىلىكىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى ــــ چوڭ تىپتىكى بېزەلگەن سەيلە ھارۋىسىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا يەرمەنكىسىدە كۆرسىتىلىشى ئىدى . بىر سائەت ۋاقىت ئىچىدە ، 300 نەچچە شىنجاڭلىق ناخشا–ئۇسسۇلچى ، ئۈچ بېزەلگەن سەيلە ھارۋىسى تاماشا قىلغىلى كەلگەن بارلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى .
شىنجاڭلىق يىگىتلەر داپنى شوخ رېتىمدا چېلىپ ، گۈزەل قىزلار بىلەن بىرلىكتە مەشرەپكە چۈشتى؛ بويلىرى ئېگىز ، جەلپكار ، لاتاپەتلىك مودېللار كۆركەم ئاز سانلىق مىللەت كىيىملىرىنى كىيىشىپ ، قوشۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا مېڭىپ، ئېسىلزادىلەرچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى ؛ رەڭگارەڭ بېزەلگەن ئۈچ سەيلە ھارۋىسى بولسا شاڭخەينىڭ گۇگۇم پەيتىدە ، ئاجايىپ گۈزەل ۋە جەزىبىدار كۆرۈنەتتى .

ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناش

لەرزان ئۇسسۇل












