ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>تەنتەربىيە>

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاتىسى - رىمېت

2010-يىلى09-ئاينىڭ29-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
جۇلېس رىمېت (Jules Rimet)     خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە فىرانسىيە ، بىلگىيە ، دانىيە ، گوللاندىيە ، ئىسپانىيە ، شىۋېتسىيە ، شىۋىتسارىيەدىن ئىبارەت 7 دۆلەت ئەزا ئىدى . 2010–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز
  

    خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە فىرانسىيە ، بىلگىيە ، دانىيە ، گوللاندىيە ، ئىسپانىيە ، شىۋېتسىيە ، شىۋىتسارىيەدىن ئىبارەت 7 دۆلەت ئەزا ئىدى . 2010–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان جەنۇبىي ئافرىقا ، بۇنىڭدىن 100يىل ئىلگىرى ، يەنى 1910–يىلى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىگە قاتناشقان بولۇپ ، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ياۋروپا قىتئەسى سىرتىدىكى ئەزاسى ئىدى . خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ھەقىقىي تۈردە زورىيىشىنى سۆزلىگىنىمىزدە بىر ئادەمنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز ، ئۇ بولسىمۇ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاتىسى— جۇلېس رىمېت (Jules Rimet) . فىرانسىيەلىك بۇ كىشى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ بۈيۈك ‹‹ رىمېت دەۋرى ››نى بەرپا قىلغان .

جۇلېس رىمېت (Jules Rimet)

 

ھازىرقى دۇنيالوڭقىسى كۈچ قۇۋۋەت ئىلاھى لوڭقىسى

    1921–يىلى 3–ئاينىڭ 1–كۈنى ، 48 ياشلىق رىمېت خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى . ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىككى مۇھىم ئىش قىلغان بولۇپ ، بىرى ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ كۆلىمىنى زورايتقان ، 1954–يىلى ۋەزىپىسىدىن بوشانغاندا ، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى ئەسلىدىكى 12 دىن 84كە يەتكەن . بولۇپمۇ ، 1946–يىلى بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىدىن ئەنگىلىيە ، شوتلاندىيە ، ۋېلش ، شىمالىي ئېرلاندىيەدىن ئىبارەت تۆت ئەزانى قوبۇل قىلدى ، بۇ ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتى بارلىققا كەلگەن جاي بولۇپ ، دۇنيادىكى بىردىن بىر تۆت پۇتبول جەمئىيىتى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان دۆلەتلەر . بۇ تۆت پۇتبول جەمئىيىتى ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئۆز ئالدىغا كوماندا چىقىرىپ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغان .

   يەنە بىرى ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى رىمېت بارلىققا كەلتۈرگەن ، تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسى 1930–يىلى 7–ئاينىڭ 18–كۈنى ئۇراگۋايدا باشلانغان بولۇپ ، پۇتبول ھەركىتىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى . شۇ سەۋەپتىن رىمېت ‹‹ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاتىسى ›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن ، شۇنداقلا ، دەسلەپكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ نامى رىمېتنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان . 1970–يىلى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا ئۈچنىچى قېتىم چېمپىيون بولۇپ ، ‹‹ رىمېت لوڭقىسى ›› نىڭ مەڭگۈلۈك ئىگىسى بولۇپ قالغان . ئۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ‹‹ كۈچ- قۇۋۋەت ئىلاھى ›› ناملىق دۇنيا لوڭقىسنى ياسىغان .

مۇھەررىر: ئالىمجان

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!