بارى
مىرئەخمەت
17 ــ فېۋرال ، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۆز تورىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى جۇڭگو U23 دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى . بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان مىرئەخمەت مۇزەپپەردىن باشقا ، جېجياڭ لۈچىڭ كوماندىسىدىكى شىنجاڭلىق ماھىر بارىمۇ بۇ قېتىمقى تىزىملىككە كىرگەن . بۇ قېتىمقى تىزىملىككە كىرگەن ئەزالار 2011 ــ يىلى 22 ــ فېۋرالدىن ، 28 ــ فېۋرالغىچە ، شاڭخەي شېنخۇا پۇتبول مەشىق بازىسىدا ، لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش ئىكەن .
جۇڭگو U23 دۆلەت كوماندىسى ئەزالىرى (جۇڭگو ئولىمپىك كوماندىسى)
كوماندا يىتەكچىسى : لى شياۋگۇاڭ
باش ترېنېر : مىروسلاۋ بلازېۋىچ (Miroslav Blazevic)
مۇئاۋىن كوماندا يىتەكچىسى : سۇي ئېنلېي
ياردەمچى ترېنېر : لى بىڭ ، بېسېك ، سىسىچ
توپچىلار :
شەندۇڭ لۇنىڭ : مىرئەخمەت ، جېڭ جېڭ
شاڭخەي شېنخۇا : ۋاڭ دالېي ، سۇڭ بوشۇەن ، ۋۇ شى ، جياڭ جياجۈن دوڭ شۆشىڭ
بېيجىڭ گوئەن : لېي تېڭلوڭ
داليەن شىدې : جاۋ خوڭلۆ
چىڭدۇ شېيفىيليەن : جاڭ يۈەن ، لى جيەنبىڭ
جياڭسۇ شۇنتيەن : جۇۋ يۈن
جېجياڭ لۈچىڭ : تاڭ جياشۇ ، بارى
شەنشى چەنبا : لى كەي ، راۋ ۋېيخۇي
نەنچاڭ 1ـ ئاۋغۇست : جياڭ جىپېڭ
گۇاڭجۇ خېڭدا : جاڭ لىنپېڭ
چۇڭچىڭ : جاڭ جيەن
شاڭخەي دوڭيا : گۇچاۋ ، يەن جۈنلىن
يەنبيەن : پياۋ چىڭ
خۇبېڭ لۈيىن : مېي فاڭ
بېيجىڭ باشى : جاڭ شۇاڭ