بۇ قېتىمقى تۇغما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان نامرات بالىلارنى بېيجىڭغا ئاپىرىپ ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىش – نامرات ئائىلىلەردىكى تۇغما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان ‹‹غۇنچىلار يۈرەك قۇرۇلۇشى ›› تۈرى بولۇپ ، جۇڭخۇا خەير – ساخاۋەت باش جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان. 2010 – يىلى بۇ تۈر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئاپتونوم ېقىلندى. بۇ يىل‹‹ غۇنچىلار يۈرەك قۇرۇلۇشى ›› تۈرى ئاپتونوم رايونىمىزدا داۋاملاشتۇرلىدۇ. 20 – فېۋرال ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان 60 بالا بېيجڭدا ھەقسىز ئوپىراتسىيە قىلنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۇغما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ھەمدە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بالىلارنى تىزىملاش باشلانغان. 4 ياشىتىن تۆت خىل تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلار يۈرەكنىڭ رەڭلىك B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا تارتىلغان رەسىم ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىن 0991–2319418 ، 2319150 نومۇرلارغا تېلفون بېرىپ ، سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن .