ئاپتونوم رايونلۇق 2011–يىللىق تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىدا: ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى
فېڭ جىن خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 2011 – يىللىق تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى 20 – فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىدىيە، مەدەنىيەت، تەشۋىقات خىزمىتىدە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ، 10 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە بۇ يىل ئېچىلىدىغان ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، ‹‹ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقايلى›› ئاساسىي تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنى باشلامچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچقا قويۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېدىئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق قويۇق كەيپىياتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ يېقىندا تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى ۋە ئېدىئولوگىيە خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت يىغىنغا قاتناشتى.
خۇ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق تەشۋىقات ، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى››، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى، 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى، جۇڭگو – ئاسىيا، ياۋروپا يەرمەنكىسى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقى، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 100 يىللىقى، پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى قاتارلىقلارنى تەبرىكلەشنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
خۇ ۋېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر ھەم شەرەپلىك. بىز يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى باشتىن – ئاخىر ئاپتونوم رايون، ھەتتا مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە قويۇپ ئويلىشىشىمىز، پىلانلىشىمىز ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ يېڭى روھنى ئۆزلەشتۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەشنى باشتىن – ئاخىر تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم مەسئۇلىيىتى قىلىشىمىز؛ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ يېڭى ئوبرازىمىزنى نامايان قىلىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى باشتىن – ئاخىر ياخشى روھىي قىياپەت، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.
يىغىندا، ئاپتونوم رايون بويىچە 2 – نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى مەدەنىي ئورۇنلار، 2008 – يىلىدىن 2010 – يىلىغىچە بولغان ئاپتونوم رايون بويىچە مەدەنىي شەھەر(رايون، ناھىيە، ناھىيە بازىرى) لەر، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار شەھەر (ناھىيە)لەر، ئاپتونوم رايون بويىچە 2010 – يىللىق ‹‹شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش›› ۋە مەدەنىيەت بازارلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەھەر، ناھىيە، رايونلار، ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەر ۋە ئۇچۇر يوللاشتىكى ئىلغار ئورۇنلار، ئاپتونوم رايون بويىچە 3 – نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر تاشقى تەشۋىقات ئەسەرلىرى باھالاشتا مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر ۋە مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچى ئورۇنلار، ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ئاممىباب نەزەرىيەۋى ئوقۇشلۇقلار مۇكاپاتلاندى.
ئاپتونوم رايون بويىچە 3 – نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر تاشقى تەشۋىقات ئەسەرلىرىنى باھالاشتا مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر ۋە مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچى ئورۇنلار تەقدىرلەندى
ۋەكىللەر باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى كۆرمەكتە