ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>تەنتەربىيە>

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باھالاش كومىتېتى2018–يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان ئاننېتسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى باھالاش كومىتېتىنىڭ 11 ئەزاسى 8 فېۋرال كەچتە فىرانسىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئاننېتسىغا بېرىپ، ئاننېتسىنىڭ 2018 يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. شىۋېتسىيەلىك لېنبېرى باشچىلىقىدىكى
  

    خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى باھالاش كومىتېتىنىڭ 11 ئەزاسى 8 – فېۋرال كەچتە فىرانسىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئاننېتسىغا بېرىپ، ئاننېتسىنىڭ 2018 – يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

    شىۋېتسىيەلىك لېنبېرى باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش ئۆمىكى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. فىرانسىيەلىك نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار زۇڭلى فىلوننىڭ رەھبەرلىكىدە ئاننېتسىغا بېرىپ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى باھالاش كومىتېتىنىڭ 11 ئەزاسىنى كۈتۈۋالدى. فىلون ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن: ‹‹ئاننېتسىنىڭ 2018 – يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. دۆلىتىمىز ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن مەدەت بېرىدۇ››، دېدى. ئۇ يەنە ئاننېتسى ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ۋە تېخنىكىلىق شارائىتىغا ئىگە، ئاننېتسى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قىشلىق ئو ت م ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

    تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ خىزمىتى 9 – فېۋرال رەسمىي باشلاندى، ئۇلار مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان جاينى تەكشۈرىدۇ ھەم فىرانسىيە قىشلىق ئو ت م ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش كومىتېتىنىڭ مالىيە، ياتاق، قاتناش، شۇنداقلا روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش جەھەتلەردىكى دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ. ئۇلار 12 – فېۋرال ئاننېتسىدىن يولغا چىقىپ، 2018 – يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان باشقا ئىككى شەھەرگە بارىدۇ.

    تەرتىپ بويىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2011 – يىلى 7 – ئايدا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇربان شەھىرىدە 2018 – يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن شەھەرنى ئېلان قىلىدۇ. 2018 – يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشنى ئاننېتسىدىن باشقا، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرى بىلەن كورېيەنىڭ پيوڭچاڭ شەھىرى ئىلتىماس قىلغان. فىرانسىيە قىشلىق ئو ت م ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېرگۋېدر ئىلگىرى: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېكىتىلمىگەن بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، بىر قىتئەدە قىشلىق ئو ت م نى ئۇدا ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ. ۋەھالەنكى، 2014 – يىللىق قىشلىق ئو ت م رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئاسىيادىكى پيوڭچاڭ شەھىرىنىڭ 2018 – يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى ئېھتىمالغا خېلى يېقىن، دېگەن ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!