
تۇرسۇنجان ھامۇت، روشەنگۈل ئابدۇراخمان خەۋىرى : ئالتە كۈن داۋاملاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 17 – سېنتەبىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئاپتونوم رايونىمىز تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتناشقان تەنھەرىكەتچى سانى ۋە مۇسابىقە تۈرلىرى ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ زور بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ھەمدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تەشكىللىگەن 16 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 1000دىن كۆپرەك تەنھەرىكەتچى قاتنىشىپ، 12 چوڭ تۈر، 108 كىچىك مۇسابىقە تۈرى، سەككىز ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى بويىچە مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقىدە چەۋەندازلىق، مىللىيچە چېلىشىش، ئارقىچىلاپ ئارغامچا تارتىشىش، ئىلەڭگۈچ، جانبازلىق، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق كونا تۈرلەردىن باشقا، خەلقئارا شاھمات، قونداقلىق ئوقيا، ياغاچ ئاياغدا يۈگۈرۈش، تەپكۈچ قاتارلىق تۆت چوڭ مۇسابىقە تۈرى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى. چاۋشيەنچە چېلىشىش بىلەن قازاقچە چېلىششىش تۇنجى قېتىم مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسىگە كىرگۈزۈلدى. تارىخى ئۇزاق، مىللىي تۈسى قويۇق، ھەر مىللەت خەلقى ياخشى كۆرىدىغان دارۋازلىق، سارغايدى، قىز قۇۋار، ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىش، خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى قاتارلىق سەككىز ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى تەسىس قىلىندى. جەمئىي 2998 مەيدان مۇسابىقە ئارقىلىق مۇسابىقىدە تەسىس قىلىنغان 104 ئالتۇن، 100 كۈمۈش، 97 مىس مېدال نەتىجىگە ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بوينىغا ئېسىلدى. قۇمۇل ۋەكىللەر ئۆمىكى 25 ئالتۇن مېدال ئېلىپ، ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانى بويىچە 1 – بولدى، ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكى 14 ئالتۇن مېدال بىلەن 2 – ، ئىلى ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكى 12 ئالتۇن مېدال بىلەن 3 – بولدى. مېدال ئومۇمىي سانى جەھەتتىن ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكى 42 مېدالغا ئېرىشىپ، 1 – ، قۇمۇل ۋەكىللەر ئۆمىكى 41 مېدال بىلەن 2 – ، ئىلى ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكى 36 مېدال بىلەن 3 – بولدى. دارۋازلىق، سارغايدى قاتارلىق يەتتە تۈر ماھارەت كۆرسىتىش تۈرلىرى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. مۇسابىقە باشتىن – ئاخىر مەدەنىي كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغاچقا، مۇسابىقىگە قاتناشقان 16 ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھەممىسىگە تەنتەربىيە ئەخلاق – پەزىلەت مۇكاپاتى بېرىلدى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەزرىيدىغىنى، ئىلەڭگۈچ تۈرىدە يارىتىلغان ئەڭ ياخشى نەتىجە مەملىكەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى، ئات بەيگىسىدىكى نەتىجە ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىدىن يۇقىرى بولدى. 17 – سېنتەبىر كەچتە قۇمۇل تەنتەربىيە مەركىزىدە مۇسابىقىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا ئالدى بىلەن داغدۇغىلىق مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلدى، ئاندىن ‹‹جەلپكار قۇمۇل›› تېمىسىدا چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.

يېپىلىش مۇراسىمىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن سەنئەت كۆرىكى