20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كەلكۈن مۇداپىئەسىگە ئاتلاندى


ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربانجان توختى خەۋىرى ، فوتوسى: 19–سېنتەبىر ، ئاتۇش شەھىرى 20 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن زور كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، بوغۇز دەرياسى زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى ، چوڭ كۆۋرۈكلەر ئۆرۈلۈپ چۈشتى ، 1200 ئائىلە ، 7000 دىن ئارتۇق ئادەم بىخەتەر جايلارغا كۆچۈرۈلدى .
ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئاتۇش شەھەرلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى كەلكۈنگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ ، ئاتۇشتا تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىم ، ج خ سىستېمىسى ، ئۇچۇر–ئالاقە ، قاتناش ، شەھەر قۇرۇلۇش تارماقلىرىنى جىددىي ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ كەلكۈنگە تاقابىل تۇردى ھەمدە نەق مەيداندا 700 دەك كادىرنى تەشكىللەپ ، بوغۇز دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى تىجەن ، بۆگەن ، تۆكۈل كەنتلىرىدىكى ئاممىنى تارقاقلاشتۇردى ، ئۈچ سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ، 7000 دىن ئارتۇق ئادەم بىخەتەر جايغا كۆچۈردى . شەھەرگە قارشلىق ھەرقايسى سىستېمىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى ، ئىشچى–خىزمەتچى ۋە كەڭ ئاممىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلاردىن جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بۇ قېتىمقى كەلكۈن مۇداپىئەسىگە قاتنىشىپ ، تاش ، سىم تور ، تاغار يۆتكەپ ، كەلكۈننىڭ دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقىنى ئازايتتى .
ئىگىلىنىشچە، 17–سېنتەبىر كەچتىن باشلاپ ، قىزىلسۇ ئوبلاستنىڭ چەرقايسى رايونلىرىدا ئۆزلۈكسىز يامغۇر يېغىپ ، قىسمەن تاغلىق رايونلىرىدا مۆلدۈر يېغىپ ، بوغۇز دەرياسى ، چاقماق دەريالىرىنى كەلكۈن قاپلاپ ، شەھەر خەلقىگە ئىنتايىن زور تەھدىت ئېلىپ كەلگەن .