جۇ يۇڭكاڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ خەلق ساقچىلىرى ، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر–ئەسكەرلىرىدىن ھال سورىدى
چېڭ لىشىن خەۋىرى : 22 – سېنتەبىر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى تاۋۇز چاغىنى. ئاپتونوم رايونىمىزدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسى – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى ئالتاي تارماق ئەترىتىگە بېرىپ، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، ج خ خەلق ساقچىلىرى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرىدىن ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە باش شۇجى خۇ جىنتاۋغا ۋاكالىتەن ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

جۇ يۇڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كېچىلەپ يول يۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 22 – سېنتەبىر تاۋۇز چاغىنى ئىدى، جۇ يۇڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئايروپىلان بىلەن ئالتاي شەھىرىگە باردى. ئۇ خەلقنى بېيىتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ بولغۇچە گۇگۇم چۈشتى، جۇ يۇڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ 100 كىلومېتىرغا يېقىن يول يۈرۈپ، ئالتاي شەھىرىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى ئالتاي تارماق ئەترىتىگە بېرىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ۋەتەن چېگراسىنى قوغداۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، ھەر مىللەت ج خ خەلق ساقچىلىرى ۋە شىنجاڭدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرىنى يوقلىدى، ئۇلارغا ئايتوقاچ قاتارلىق بايراملىق سوۋغىلارنى تەقدىم قىلدى.
جۇ يۇڭكاڭ ئاي يورۇقىدا رەتلىك تىزىلىپ تۇرغان قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، ج خ خەلق ساقچىلىرى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرى بىلەن بىر – بىرلەپ كۆرۈشتى ۋە قىزغىن پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن يىلدا بىر كېلىدىغان تاۋۇز چاغىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە باش شۇجى خۇ جىنتاۋغا ۋاكالىتەن سىلەردىن بايراملىق ھال سورايمەن! سىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇزاقتىن بۇيان چېگرانى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ مۇقىملىقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتۇڭلار. كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار!
جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭدىكى جايلار مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇۋېتىپتۇ . يېرىم يىل تىرىشىش ئارقىلىق مەملىكەت بويىچە 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست،شەھەر ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، تۈەن – مەيدانلىرىغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشىپتۇ. شىنجاڭدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى ۋە ج خ خەلق ساقچىلىرى ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتەك مۇقەددەس بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان 2020 – يىلىغىچە شىنجاڭدا مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى مەدەت بېرىشى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق تىرىشىشى كېرەك. بۇ ھەم شىنجاڭدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى ۋە ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ھەر مىللەت ج خ خەلق ساقچىلىرى ۋە ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنىڭ يېڭى تارىخىي پەيتتە مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە مەھكەم تۇتۇپ، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئىلگىرىكى خىزمەتلەر ئاساسىدا داۋاملىق تىرىشىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ھال سوراشتا بىللە بولدى.