
يېقىندا ، ئىراندىكى نۇرغۇنلىغان سانائەت كارخانىلىرىدىكى بىر خىل ئالاھىدە كومپىيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ ، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر بۇ خىل ‹‹ تورنى زىلزىلىگە سالغۇچى كومپىيۇتېر پارازىتى ›› نىڭ زاۋۇت–كارخانىلارنىڭ كونترول سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ، بىر قاتار يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى بولۇپمۇ توك تارقىتىش كارخانىلىرىنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كەڭ دىققەت–ئېتىبارىنى تارتقان بۇشېر يادرو ئېلېكتېر ئىستانىسىمۇ بۇ خىل كومپىيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ نۇقتىلىق ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتقان .
ئىراندىكى يېرىم ھوقۇقلۇق ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ دۆلەتتىكى يادرو ئېنېرگىيەسى ئورگىنى نۆۋەتتە كومپىيۇتېر سىستېمىسىغا كىرىۋالغان بۇ ۋىرۇسنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن بارلىق ئامال ــ تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ ، تاشقى دۇنيادىكىلەر ئورتاق ھالدا بۇ ۋىرۇسنى ئىراننىڭ دۈشمەنلىرى بۇشېر يادرو ئېلېكتېر ئىستانىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ئۈچۈن مەخسۇس ياساپ چىققان دەپ قاراشقان . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ خىل ۋىرۇس ئىيۇلدا گىرمانىيە كومپىيۇتېر ئالىملىرى تەرىپىدىن مۇقىملاشتۇرۇلغان بولۇپ ، ئىراندىن باشقا يەنە ھىندىستان ، ئامېرىكا ۋە ھىندىنۇزىيە تەۋەسىدىمۇ ‹‹ ھۆكۈم سۈرگەن ›› .
كومپىيۇتېر بىخەتەرلىكى ئالىملىرى بۇ خىل ۋىرۇسنى چوڭقۇر ئانالىز قىلغاندىن كېيىن بۇ ۋىرۇسنىڭ يەر شارىدىكى بىرىنچى خىل ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ‹‹ تور قورالى ›› ئىكەنلىكىنى بايقىغان . بۇ خىل يېڭى ۋىرۇسقا نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە تېخنىكىلار مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ ، كۈچلۈك بولغان يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارى ۋە بۇزغۇنچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن . كومپىيۇتېردا مەشغۇلات قىلغۇچى پەقەت ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بارماق دېسكىنى كومپىيۇتېرغا چاتسىلا ، بۇ خىل ۋىرۇس ھېچقانداق مەشغۇلات تەلەپ قىلمايلا كومپىيۇتېر سېستىمىسىنى كونترول قىلىۋالىدىكەن .
ئادەتتىكى ۋىرۇسلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئۇنىڭ زەربە بېرىش نۇقتىلىرى پۈتۈن يەر شارىدىكى مۇھىم ئورۇنلار بولغاچقا ھەمدە تورغا ئۇلانمايلا تارقالغاچقا ، بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر بۇ خىل ۋىرۇسنى ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ‹‹ تور قورالى ›› دەپ ئاتىغان . پەقەت بۇ خىل يۇمشاق دېتال قارا بازارغا كىرسىلا بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەسكەن . ئامېرىكا دۆلەت تېررىتورىيىسى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىمۇ مەخسۇس ئورگان قۇرۇپ بۇ خىل ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇۋېتىپتۇ .