ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

پولشا ساياھەت ئاپتۇبۇسى گىرمانىيەدە قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ ، ئاز دېگەندىمۇ 13 ئادەم قازا قىلىپ ، 38 ئادەم يارىلاندى

2010-يىلى09-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  ماتىرىيال سۈرەت     شىنخۇا تورى پولشا 26–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : 26 ــ سېنتەبىر گىرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىننىڭ جەنۇبىدىكى 10–نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كېتىۋاتقان پولشانىڭ بىر ساياھەت ئاپتوبۇسى بىر پىكاپنىڭ يان تەرەپتىن سوقۇلۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن
  
 
ماتىرىيال سۈرەت

    شىنخۇا تورى پولشا 26–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : 26 ــ سېنتەبىر گىرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىننىڭ جەنۇبىدىكى 10–نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كېتىۋاتقان پولشانىڭ بىر ساياھەت ئاپتوبۇسى بىر پىكاپنىڭ يان تەرەپتىن سوقۇلۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن كونتروللىقىنى يوقىتىپ ، كۆۋرۈك تۈۋرۈكىگە ئۈسۈۋالغان . ۋەقەدە ئاز دېگەندىمۇ 13 پولشالىق ساياھەتچى قازا قىلغان ، 38 ساياھەتچى يارىلانغان . بۇ ، گىرمانىيەدە بۇ يىل يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر بولغان قاتناش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن .

    خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئاپتوبۇستا ئىككى شوپۇر ، 47 نەپەر ساياھەتچى بار بولۇپ ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى پولشانىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئىشچى ــ خىزمەتچىلىرى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرى بولۇپ ، ئۇلار ئەمدى تېخى ئىسپانىيەدىكى ساياھىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ قايتىپ كېلىۋاتقان ئىكەن . 

    نۆۋەتتە پىكاپنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىققاندىن كېيىن كونتروللىقىنى يوقىتىشىدىكى سەۋەب تېخى ئېنىقلانمىغان بولۇپ ، ساقچى تەرەپ شوپۇرنىڭ بەك چارچاپ كەتكەن بولۇشى ، يامغۇرلۇق ھاۋارايى ، يولنىڭ تېيىلغاق بولۇشى شۇنداقلا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەرنىڭ ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

    ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، بېرلىن ۋە براندېنبۇرگ ئىشتاتى 250 نەپەر قۇتقۇزغۇچى خادىمنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن بولۇپ ، 50 نەپەر ساقچى ۋە ئالتە تىك ئۇچار بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان .

    پولشا زۇڭلىسى تۇسىك شۇ كۈنى كەچتە دوختۇرخانىغا يىتىپ بېرىپ يارىدارلارنى يوقلىغان بولۇپ ، ئۇ يەنە گىرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرۇلۇق سۆھبەتلەشكەن . مېركېل بىلەن گىرمانىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى ۋېستىۋېل ئايرىم - ئايرىم ھالدا ۋەقەنى ئاڭلاپ قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى ، گىرمانىيە زۇڭتۇڭى ئۇرفنىڭ پولشا زۇڭتۇڭى كىموروفۇسىكىيغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن .

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!