ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ ، بۆسۈش ئېغىزىنى ياخشى تۇتۇپ ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2010-يىلى09-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
    چېڭ لىشىن خەۋىرى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ 19 – سېنتەبىردىن 24 – سېنتەبىرگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇھىم نۇقت
  

    چېڭ لىشىن خەۋىرى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ 19 – سېنتەبىردىن 24 – سېنتەبىرگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، بۆسۈش ئېغىزىنى ياخشى تۇتۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە تىرىشىپ بەخت يارىتىش كېرەك.

    جۇ يۇڭكاڭ ئالتە كۈندە دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ما كەي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ياردەم بېرىپ قۇرۇۋاتقان 12 سىناق نۇقتا تۈرى ۋە شىنجاڭنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ھەر كۈنى يېرىم كېچىگىچە ئىشلىدى.

جۇ يۇڭكاڭ چىرا ناھىيەسى چاقما كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئائىلىسىدە

    ئەمىن ئۆي بولغاندىلا، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ. چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرى چاقما كەنتىدىكى ئىسمائىل مەتشېرىپ ئائىلىسىدىكىلەر شاد – خورام تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. خەلقنى بېيىتىش، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىسمائىل مەتشېرىپ ئائىلىسى ۋە چاقما كەنتىدىكى 471 ئائىلىلىكنىڭ ھەر بىرى دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ يۈرۈشلەشكەن مەبلىغىدىن 10 مىڭ يۈەن، تيەنجىن شەھىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 20 مىڭ يۈەنگە ئېرىشتى. ئىسمائىل مەتشېرىپ ئائىلىسىدىكىلەر ئەسلىدىكى ئۆيى ئاساسىدا يەنە توققۇز ئېغىز ئۆي سېلىۋالدى. ئىسمائىل مەتشېرىپ جۇ يۇڭكاڭغا يېڭى ئۆيىنى تەپسىلىي كۆرسەتتى. جۇ يۇڭكاڭ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ مۇنچا سۈيىنىڭ ئىسسىق – ئىسسىق ئەمەسلىكىنى، تەرەت تۇڭىدا سۇ بار – يوقلۇقىنى سىناپ باقتى، جۇ يۇڭكاڭ كەنتتىكىلەرنىڭ شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى.

    جۇ يۇڭكاڭ يەنە ئالتاي شەھىرى 640 تۆپىلىكىدىكى چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇسىنى، لوپ ناھىيەسى دول تۈگمەنبېشى كەنتىدىكى تەبىئىي گازنى ئائىلىگە ئەكىرىش سىناق نۇقتا قۇرۇلۇشىنى، چىرا ناھىيەسى چاقما كەنتىنى، غۇلجا ناھىيەسى تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى خەلقنى بېيىتىش، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى، شۇنداقلا خوتەن، ئارال، ئاقسۇ شەھەرلىرىدىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشى تۈرىنى كۆزدىن كەچۈردى. جۇ يۇڭكاڭ بارغانلا جايىدا شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار ۋە يەرلىكتىكى كادىرلارغا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى، يۇقىرى پەللە، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە پىلانلاپ، ياخشى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، ئەمىن ئۆي ۋە خەلقنى بېيىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى تاپىلىدى.

 
جۇ يۇڭكاڭ ئاقسۇ شەھەرلىك 1– باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە

    قوش تىل مائارىپى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىدىكى ئۇل قۇرۇلۇش، جۇ يۇڭكاڭ بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ ئاقسۇ شەھەرلىك 1– باشلانغۇچ مەكتەپ، ئاقتۇ ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ، سىنىپلاردا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، قوش تىل مائارىپىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. جۇ يۇڭكاڭ: ئورتاق تىلنى ياخشى ئۆگىنىش ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ چوڭ ئىشنى چوقۇم ياخشى ئىشلەش كېرەك، دېدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى قوش تىلنى ياخشى ئۆگىنىپ، بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، شىنجاڭنى، ۋەتەننى گۈللەندۈرىدىغان لاياقەتلىك ئىزباسارلاردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇ يەنە تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شانلىق ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

     شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈشتە تەرەققىياتقا تايىنىش كېرەك. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى گۇما – قاراقاش بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى ئىلغار سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، قاقاسلىقتا خاس باغۋەنچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ۋە ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. جۇ يۇڭكاڭ بۇ جاينى كۆرگەندىن كېيىن: جەنۇبىي شىنجاڭ قۇرغاق، سۇ كەمچىل رايون، سۇ تېجەيدىغان دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئۈمىد يولى، دېدى. جۇ يۇڭكاڭ ئالاتاۋ پورتىدىكى يولۇچى – يۈك ئالماشتۇرۇش رايونى ۋە جۇڭگو – قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسىدا نېفىت يەتكۈزۈش پونكىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم باشقۇرۇش، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. جۇ يۇڭكاڭ قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىدا پىلان، قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېخىمۇ ئىلمىي پىلانلاپ، ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇشنى تېزلىتىپ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، غەربىي قىسىم چېگرا رايوننى راۋاجلاندۇرۇش، ئېچىۋېتىشتە مۇۋەپپەقىيەتلىك يول تېپىشنى تەلەپ قىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!