ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

‹‹ فەنياب ›› ناملىق تەيفىڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە گۇاڭدۇڭدا 136 ئادەم قازا قىلىدى ۋە يوقاپ كەتتى

2010-يىلى09-ئاينىڭ28-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
    شىنخۇا تورى گۇاڭجۇ 26 ــ سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ‹‹ فەنياب ›› ناملىق تەيفىڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە ياغقان قاتتىق يامغۇر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ، 26– سېنتەبىر سائەت 12 گىچە ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە 136 ئادەم ۋەقە تۈپەيلىدىن قازا
  

    شىنخۇا تورى گۇاڭجۇ 26 ــ سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ‹‹ فەنياب ›› ناملىق تەيفىڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە ياغقان قاتتىق يامغۇر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ، 26– سېنتەبىر سائەت 12 گىچە ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە 136 ئادەم ۋەقە تۈپەيلىدىن قازا قىلغان ۋە يوقاپ كەتكەن ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 90 ئادەم لاتقا شېغىللىق ئېقىندا ھاياتىدىن ئايرىلغان .

    گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كاتىپى تاڭ خاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا ، 11–نومۇرلۇق ‹‹ فەنياب ›› ناملىق تەيفىڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە ، 20–سېنتەبىر كەچتىن باشلاپ گۇاڭدۇڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا پەۋقۇلئاددە قارا يامغۇر ياغقان ، قارا يامغۇرنىڭ تەسىرىدە كەلكۈن ، لاتقا شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بېرىپ ،  26 ــ سېنتەبىر سائەت 12 گىچە قەدەر ، ماۋمىڭ ، ياڭ جياڭ قاتارلىق توققۇز شەھەر ، 34 ناھىيە ، 224 يېزا ــ بازاردىكى بىر مىليون 563 مىڭ ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ، 75 ئادەم قازا قىلغان ، 61 ئادەم يوقاپ كەتكەن . 128 مىڭ ئادەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، 16 مىڭدىن ئارتۇن ئۆي گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن . بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئېتىزلارنىڭ كۆلىمى 664 مىڭ گېكتارغا يەتكەن . يامغۇرنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن ئۆلكىدىكى 86 قاتناش لىنىيەسى ئۈزۈلۈپ قالغان . 

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!