ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تىرىشىپ يېڭى مۆجىزە يارىتىش كېرەك

2010-يىلى09-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  جۇ يۇڭكاڭ قەشقەر ۋە غۇلجىغا بېرىپ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى      چېڭ لىشىن خەۋىرى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسى – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ 2
  
 
جۇ يۇڭكاڭ قەشقەر ۋە غۇلجىغا بېرىپ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

    چېڭ لىشىن خەۋىرى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسى – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ 22 – سېنتەبىردىن 24 – سېنتەبىرگىچە قەشقەر، غۇلجىدا شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پىلاننى ئىلمىي تۈزۈپ، سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا ياخشى ئاساس سېلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تىرىشىپ يېڭى مۆجىزە يارىتىش كېرەك.

    دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ما كەي يىغىنغا قاتناشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا قاتناشتى.

 
جۇ يۇڭكاڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى دېھقانلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشمەكتە

    سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشكە مەسئۇل بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، جېجياڭ قاتارلىق 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە قەشقەر، خوتەن، ئىلى، تۇرپان قاتارلىق ياردەم بېرىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ مەسئۇللىرى خىزمەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، كېيىنكى باسقۇچلۇق پىلانلىرىنى دوكلات قىلدى، ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ مىنستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.

    جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چۆرىدەپ، جايلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆردۇق، يىغىن ئاچتۇق، شىنجاڭدا ھەممىلا جاي ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، ئېچىش قۇرۇلۇشى ئەۋج ئالغان ئاۋات مەنزىرىدىن ھاياجانلاندۇق، ئىلھاملاندۇق. مەملىكەتلىك شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشنى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر قىلىپ، ئەمەلىيىلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، قابىللارنى تاللاپ، شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئەۋەتتى، 3مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، 150 نەچچە سىناق تۈرنى باشلىدى، ھەممىسىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك ۋە يارقىن نۇقتا گەۋدىلەندى؛ ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە ياردەم بېرىلىدىغان شەھەر، ناھىيە، شى، تۇەن – مەيدانلار سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىنى تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، ياردەمنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ‹‹خەلقنى بېيىتىش، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى››، ‹‹خەلقنى بېيىتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى››، تەبىئىي گازنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويدى. يېرىم يىلدىن بۇيان، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى ياخشى، تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ياردەم بېرىلىدىغان جايلاردىكى ھەر مىللەت ئامما ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىشكە باشلاپ، تەرەققىيات ئىستىكى تېخىمۇ كۈچەيدى، كەلگۈسىدىن چەكسىز ئۈمىدلەندى. ئەمەلىيەت مەركەزنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تامامەن توغرا، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى خەلقنىڭ قەلبىگە ياققانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

    جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشتە شىنجاڭنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر نەچچە چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك. بىرىنچى، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى پەللىدە، يۇقىرى سەۋىيەدە، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كەنتلەردە پىلان بولۇش، ئائىلىلەردە لايىھە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ، قەدەممۇقەدەم يولغا قويۇپ، جىددىي ئېھتىياجلىقلىرىنى، شارائىت ھازىرلىغانلىرىنى ئالدى بىلەن بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تەدرىجىي زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە تىرىشىپ ئىگە قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇش بىلەن خەلقنى بېيىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر جاينىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، باغۋەنچىلىك، باقمىچىلىق، بىناكارلىق قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنى كەسىپ ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەممە ئائىلىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە بېيىش يولى ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. ئۈچىنچى، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ لاياقەتلىك ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى ساھەلەر بويىچە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىپ، ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى، مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ياخشى مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، كەسىپ رايونى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ياخشى قۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي چېگراسىدىكى ئېچىش، ئېچىۋېتىش ئىككى كۆزنىكىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ ئىلمىي پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، شارائىت ھازىرلىغان باشقا جايلاردا كەسىپلەر كۆجۈملەشكەن رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، تەرەققىياتنى يېتەكلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بەشىنچى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، كەڭ ئېچىۋېتىش، زور تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلاشقان رەھبەرلىك، باشقۇرۇش، تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە ئەمگەكچىلەرنى تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!