ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

خەلق پۇلى ئامېرىكا دوللىرى پېرېۋوت نىسبىتى ئارىلىق ۋالېنتىغا نىسبەتەن ئۇدا بەش سودا كۈنىدە ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى

2010-يىلى09-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۈل چېكىلىشى:قىتىم
        شىنخۇا تورى بېيجىڭ 18 ــ سېنتەبىر تېلېگراممىسى : خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى بۇ ھەپتىدىكى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى ئەڭ ئېتىبارغا ئېلىنغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى . خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان بولۇپ ،
  

  

     شىنخۇا تورى بېيجىڭ 18 ــ سېنتەبىر تېلېگراممىسى : خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى بۇ ھەپتىدىكى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى ئەڭ ئېتىبارغا ئېلىنغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى . خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان بولۇپ ، بۇ ھەپتىدە خەلق پۇلى ئامېرىكا دوللىرى پېرېۋوت نىسبىتى ئارىلىق ۋالېنتىغا نىسبەتەن ئۇدا بەش سودا كۈنىدە 2005–يىلدىكى پېرېۋوت نىسبىتى ئۆزگەرتىلگەندىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقىپ ، كۈچلۈك بولغان ئېشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئامېرىكا پارلامېنتى جۇڭگونىڭ پېرېۋوت سىياسىتى ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنى يەنە بىر قېتىم خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى جامائەتچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان سەھنىگە چىقاردى . 

    ئۇدا ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى 6.7625 پېرېۋوت ئۆزگىرىشى يۇقىرى نۇقتىغا چىققاندىن كېيىن ، بۇ ھەپتىدىكى بەش سودا كۈنىدە ، جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى پېرېۋوت نىسبىتى ئارىلىق ۋالېنتىغا نىسبەتەن 6.76 ، 6.75 ، 6.74 ، 6.73 ، 6.72 لىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، بەش سودا كۈنىدە 2005 ــ يىلدىكى پېرېۋوت ئۆزگىرىشىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىققانلىقىنى ، بىر ھەپتە ئىچىدە 453 نۇقتا ئۆسۈپ ، ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى 6.7172 غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان . 

    ئالدىنقى ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنىدىن بۇيان ، خەلق پۇلى ، ئامېرىكا دوللىرى پېرېۋوت نىسبىتى ئارىلىق ۋالېنتىغا نىسبەتەن ئۇدا يەتتە كۈن ئۆرلىگەن بولۇپ ، ئۆرلەش مىقدارىنىڭ يىغىندىسى 735 نۇقتىغا يەتكەن . 19 ــ ئىيۇن ، جۇڭگو خەلق بانكىسى پېرېۋوت ئۆزگىرىشىنى قايتا بېكىتكەندىن كېيىن ، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى پېرېۋوت نىسبىتى %1.5 يۇقىرىلىغان .    

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!