* شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سودا ئىشلىرى جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە
ئۆز مۇخبىرىمىز بۇئايشەم راخمان خەۋىرى ، فوتوسى : 20-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، ‹‹ تەڭرىتاغقا سەپەر—شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى 10يىلىغا نەزەر ›› مەخسۇس زىيارەت ئۆمىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىگە كېلىپ ، بۇ يەردە زىيارەتتە بولدى .
ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى مالىنا جانابىل مۇخبىرلارغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا ئىشلىرى تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا
ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى مالىنا جانابىل مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن شىنجاڭنىڭ يېقىنقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇش مەقسىتىدە ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلگەن كەڭ مۇخبىرلارغا شىنجاڭنىڭ سودا ئىشلىرى جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى تونۇشتۇردى .
مالىنا جانابىلنىڭ ئېيتىشىچە ، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئالاھىدىلىكى ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان . جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئىقتىسادىي قۇرۇلما ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ۋە مەھسۇلات قۇرۇلمىسى جەھەتتە بىر–بىرىنى تولۇقلاپ تۇرغاچقا ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى تېز بولغان . ئاپتونوم رايونىمىز سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدىغان بولغاچقا ، ئاپتونوم رايونىمىز سودا ئىشلىرى تەرەققىياتىدا زور ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەن .
مالىنا جانابىل شىنجاڭنىڭ ئېكىسپورت–ئىمپورت سودا ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : 2000–يىلىدىن 2009–يىلىغىچە ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىشلىرىدىكى ئېكىسپورت ، ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى يىلىغا تەخمىنەن %22.3 ئاشتى . ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىشلىرىدا ياراتقان قىممىتى يىلىغا % 25.7 سۈرئەت بىلەن ئاشتى ، بۇنىڭ ئىچىدە ، ئېكىسپورت قىممىتى 11مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ، ئىمپورت قىممىتى 2مىليارد 210 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ ، ئېكىسپورت–ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 15–ئورۇنغا ئۆتتى .
مۇخبىرلار مالىنا جانابىلدىن سوئال سورىماقتا
جۇڭگو خەلقئارا رادىيو–تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەرەب تىلى قانىلىنىڭ مۇخبىرى لېڭ چىفىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە چىقىرىشتا قايسى مىللەتنى ئاساس قىلىپ چىقىرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىشلەمچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانداق ئالاھىدە سىياسەتلىرى بارلىقىنى سورىغىنىدا ، مالىنا جانابىل ھەر قايسى خىزمەتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ مىللەت ئايرىمىغان ئاساستا ئىشلەمچىلەرنى سىرتقا چىقىرىۋاتقانلىقىنى ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقانلار ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئەڭ يىراق بولغاندا ئافرىقىغا ، يېقىن بولغاندا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە چىقىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى ، بۇ جەرياندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى شۇ جاينىڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقان ئەمگەكچىلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى ؛ جىددىي ئىشلار يۈز بەرگەن ۋاقىتتا چوقۇم ئەڭ تېز سۈرئەتتە مەملىكىتىمىز ئەلچىخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەمگەكچىلەرنى بىخەتەر جايغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ياكى ھەرقانداق چىقىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەمگەكچىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، بىر قانچە ئاي بۇرۇن قىرغىزىستاندا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەندە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەخسۇس ئايروپىلان ئەۋەتىپ ئەمگەكچىلەرنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى مىسال قىلىپ سۆزلەپ بەردى .
مۇخبىرلار زىيارەتتە
* ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ
20–ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ، ‹‹ تەڭرىتاغقا سەپەر— شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى 10يىلىغا نەزەر ›› مەخسۇس زىيارەت ئۆمىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە كېلىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى .
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مۇئاۋىن نازىرى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ يۇڭ مۇخبىر يولداشلارغا ئاپتونوم رايونىمىزدا خەلق تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى كاپالەتكە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى .
ياڭ يۇڭ مۇخبىرلارغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى تونۇشتۇرماقتا

ياڭ يۇڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلىنىش خىزمىتىنى ئىشلەش داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى : 2000–يىلىدىن بولۇپمۇ 2009–يىلىدىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا ھەر خىل ياخشى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى ، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ھەقسىز تەربىيەلىنىش سىنىپلىرى ئېچىش ؛ ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش ؛ ئىشتىن قالدۇرۇلغان ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلىرىنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ياخشى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ، جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلەتتى .