ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

شىنجاڭدا ھېيت تەنتەنىسى

2010-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: admin
ئۈرۈمچىدە قۇربان ھېيىتلىق بازارلار جانلىنىپ كەتتى    ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مامۇت بارات ، زۇلھايات مامۇتلار خەۋىرى ، فوتوسى : مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى—قۇربان ھېيتنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى تۈرلۈك بازارلارنىڭ سودىسى ئادەتتىكىدىن كۆرۈنەرلىك
  

ئۈرۈمچىدە قۇربان ھېيىتلىق بازارلار جانلىنىپ كەتتى

   ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مامۇت بارات ، زۇلھايات مامۇتلار خەۋىرى ، فوتوسى : مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى—قۇربان ھېيتنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى تۈرلۈك بازارلارنىڭ سودىسى ئادەتتىكىدىن كۆرۈنەرلىك جانلىنىپ كەتتى . بازارلاردا ماللارنىڭ تۈرى تولۇق بولۇپ ، باھاسىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى . ئىگىلىنىشىچە ، بىرقىسىم تىجارەتچىلەر باشقا جايدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىدىن بىر قىسىم تىرىك قويلارنى يۆتكەپ كېلىپ بازارغا سالغان بولۇپ ، تىرىك قوينىڭ باھاسى بۇلتۇرقىدىن يۇقىرىراق بولغاندىن باشقا ، كالا–قوي گۆشىنىڭ باھاسىدا ئالاھىدە ئۆرلەش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن . ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹جىنكۈن›› ئولتۇراق رايونى 29–بىنادا ئولتۇرۇشلۇق مۇھەممەد ئىمىنھاجى مۇخبىرغا: ‹‹مەن ھەر يىلى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن تىرىك قوي سېتىۋالىمەن، بىر ئىككى كۈندىن بېرى بىرقانچە تىرىك قوي سېتىش نۇقتىلىرىغا بېرىپ كۆرۈپ باقتىم، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ، بۇ يىل قۇربان ھېيىتتا تىرىك قويلارنىڭ سېتىلىش باھاسى بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 150يۈەندىن 250 يۈەنگىچە قىممەت بوپتۇ›› دېدى .

‹‹تەكلىماكان›› تاللا بازىرىدىكى چىنە–چەينەكلەر خانىم–قىزلارنى جەلپ قىلدى

ناۋايخانىلار ئادەتتىكىدىن ئاۋاتلاشتى

خېرىدارلار قۇرۇق مېۋە–چىۋە سېتىۋالماقتا

خېرىدارلار ھېيتلىق تاتلىق–تۈرۈم سېتىۋالماقتا

خېرىدارلار گۆش سېتىۋالماقتا

خېرىدارلار قۇربانلىق قوي تاللىماقتا

 

ئىلى ۋادىسى قۇربان ھېيت شاتلىقىغا چۆمدى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامال جامال خەۋىرى ، فوتوسى : بۇ يىلقى قۇربان ھېيت مول ھوسۇل پەسلىدە يېتىپ كېلىپ ، ئىلى ۋادىسىدىكى مۇسۇلمان ئاممىسىنى شاتلىق تەنتەنىسىگە چۆمدۈردى . ئىلى ۋادىسىدىكى چوڭ–كىچىك سودا بازارلار تېخىمۇ ئاۋاتلىشىپ ، سودا جانلاندى.

   غۇلجا شەھىرىدىكى ھېيت بازارلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر:

 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر