ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

2–نۆۋەتلىك غۇلجا–ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا ئىمپورت–ئېكىسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرئەخمەت نۇرامبەگ خەۋىرى ، فوتوسى: ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ، جۇڭگو قۇرۇلۇش–تازىلىق–فار–فور بۇيۇملىرى جەمئىيىتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسى قا
  

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرئەخمەت نۇرامبەگ خەۋىرى ، فوتوسى: ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ، جۇڭگو قۇرۇلۇش–تازىلىق–فار–فور بۇيۇملىرى جەمئىيىتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ، غۇلجا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ، شۇنداقلا قازاقىستان ، قىرغىزىستان سودا ئۇيۇشمىلىرى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹ 2010 شىنجاڭ غۇلجا–ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا ئىمپورت–ئېكىسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى›› 16–ئۆكتەبىردىن 18–ئۆكتەبىرگىچە غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى . دۆلەت ئىچى–سىرتىدىن كەلگەن 1500 دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك سودىگەر يەرمەنكىگە قاتناشتى.

   بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە ‹‹ئىلىنى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى ئىقتىسادىي كۈچلۈك رايون ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئىستېھكامى قىلىپ قۇرۇش ؛ غۇلجا شەھىرىنى ئېلىمىزنىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ، غەربىي ئاسىيادىكى ھاياتى كۈچكە ، جەلپ قىلىش كۈچىگە ۋە مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچىگە سىمۋوللۇق شەھەر قىلىپ قۇرۇپ ، ئاسىيا–ياۋروپا ئىقتسادىي چەمبىرىكىدىكى سودا ، ئالماشتۇرۇش ۋە بايلىق تەقسىملەش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش؛ يەرمەنكە ئارقىلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى نامايان قىلىپ ، كارخانىلار بىلەن سودىگەرلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ ، بۇ ئارقىلىق سىرتقا يۈزلەنگەن ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ‹‹يەرمەنكە ئارقىلىق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودا ئارقىلىق سانائەتنى گۈللەندۈرۈش ، سانائەت ئارقىلىق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش›› تەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ئاپتونوم ئوبلاست، غۇلجا شەھىرىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي مەقسەد قىلىنغان.

   بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە قويۇلغان بۇيۇملارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ ، كۆرگەزمە ئورنىنىڭ كۆلىمى 47 مىڭ كۋادىرات مېتىرغا يەتتى ، بۇلار ئىلى خەلقئارا تاشقى سودا شەھەرچىسى ، ئوتتۇرا ئاسىيا فار–فۇر بۇيۇملىرى شەھەرچىسى ، شىنئوۋ مۇنچا ئەسلىھەلىرى سارىيى ، شۇنداقلا ئىلى خەلقئارا سودا رايونى سىرتىدا تەسىس قىلىنغان ئائىلە بېزەك چىراق كۆرگەزمە رايونى، فار–فۇر مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونى ، توقۇلما بۇيۇملار كۆرگەزمە رايونى ، ئۇششاق تاۋارلار كۆرگەزمە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ، ئوخشىمىغان قاتلامدىكى سودىگەرلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

   ئۈچ كۈن داۋاملاشقان يەرمەنكىدە ياۋروپا–ئاسىيا ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى ، فار–فور مەھسۇلاتلىرى كەسپىي مۇھاكىمە مۇنبىرى ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، رۇسىيە تامۇژنىسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار ۋەكىللىرى سۆھبىتى ، توقۇلما ، كىيىم–كېچەك كەسپى جۇڭگو–چەت ئەل ۋەكىللىرى سۆھبىتى ، توختام ئىمزالاش مۇراسىمى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. يەرمەنكە مەزگىلىدە جۇڭگو–چەت ئەللىك سودىگەرلەر قىزغىن ئالماشتۇرۇش ، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى ، يەرمەنكىدە پۈتۈشۈلگەن تاشقى سودا توختام سوممىسى 107 مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ، ھەمكارلىق تۈرى توختام سوممىسى1 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى.

   سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 9–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ ۋىنيۈەن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق ، كومىتېت ، نازارەت ، ئىدارىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ، دوست ناھىيە (شەھەر) ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى يەرمەنكىگە قاتناشتى ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى ، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى ، تەڭرىتاغ تورى ، ئىقتىساد گېزىتى قاتارلىق 48 ئاخبارات ۋاستىسى مۇخبىر ئەۋەتىپ بۇ قېتىملىق يەرمەنكىنى كەڭ دائىرىسىدە خەۋەر قىلدى.

 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر