خەلقئارا مەخپىيەتلىكنى يېشىشى تورى«Wikileaks»ئامېرىكا ۋاقتى10-ئاينىڭ22-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرىدىن 400مىڭ پارچىغا يېقىن ئېلان قىلدى.بۇ ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە،ئىراق ئۇرۇشى كۆپلىگەن ئاممىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،بۇنىڭدىن سىرت،ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراق بىخەتەرلىك خادىملىرىغا بولغان ئېچىنىشلىق خورلاش قىلمىشىغا كارى بولمىغان.
بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ئارمىيىسى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن كەلگەن،ئاساسلىقى2004-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن2009-يىلى12-ئاينىڭ31-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتتىكى ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ دوكلاتى ئىكەن،نۇرغۇن ئۇرۇش قىلىش ۋە ئېتىشىش نەق مەيدانى ۋە تۈرمە جىنايەتچىلىرى قاتارلىق ئەھۋاللار بىر قوللۇق تەسۋىرلەنگەن.ئالدىنقى قېتىم ئافغانىستان ئۇرۇشىغا ئائىت ھۆججەتلەرنى ئاشكارلىغانغا ئوخشاش،ھۆججەتلەرنى ئالدى بىلەن ئامېرىكا«نيويورك ۋاقىت گېزىتى»،ئەنگىلىيە«مۇھاپىزەت گېزىتى»،فرانسىيە«دۇنيا گېزىتى»ۋە گېرمانىيە«نۇرلۇق ئەينەك»ھەپتىلىكى قاتارلىق مەتبۇئاتلارغا تەتقىق قىلىش ھەمدە بىرلا ۋاقىتتا تور بەتتە ئېلان قىلىشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن.
بۇ مەتبۇئاتلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە،ھۆججەتلەردىكى سانلىق مەلۇماتتا2004-يىلىدىن2009-يىلىغىچە،ئىراقتا تەخمىنەن109مىڭ ئادەم زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرىدا قازا قىلغانلىقى،بۇنىڭدا66081 پۇقرا ۋە24مىڭ نەپەر«دۈشمەنلەشكۈچى خادىم»بار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننىي مەزھىپى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسى بۇ ھۆججەتلەردە«قەستلەپ ئۆلتۈرۈش»تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن،ئۆلگەن ئادەم سانى35مىڭغا يېتىدىكەن.
بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى موللېر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىغا ئائىت ھۆججەتلەرنى ئاشكارلىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى ئېيتقان.