BBCنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ئافغانىستان پىرىزدېنتى كارزاي10-ئاينىڭ25-كۈنى شىتاب باشلىقى دائۇدساينىڭ ئىران بەرگەن نەق پۇلنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان،ئەمما بۇ پۇللار ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىنغان بولۇپ،دوستانە دۆلەتتىن كەلگەن ياردەم دېگەن.
يېقىندا،ئامېرىكا«نيورك ۋاقتى گېزىتى» ئافغانىستان پىرىزدېنتى كارزاينىڭ شىتاب باشلىقى دائۇدساي(Amar Daudsai)نىڭ قەرەللىك ھالدا ئىراندىن كەلگەن نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرىۋالدى.بۇ پۇللار بىر مەخپىي ھېساۋات نومىرىغا كىرگۈزۈلدى.كارزاي بىلەن دائۇدساي بۇ پۇللارنى تالىبان،يەرلىك كۈچلەر ۋە پارلامېنتقا بېرىپ ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى دەپ خەۋەر قىلغان.
«نىيورك ۋاقتى گېزىتى» ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل قىلغان خەۋىرىدە،ئىران دائۇدساي ئارقىلىق ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ۋە ش ئا ئە ت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى كۈچەيتىپ،ئۇلارنى يىراقلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىۋاتقانلىقى دېيىلگەن.
مەنبە:جاھان تورى