ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

يالىڭاچ ئەردىن قورققان 11 ئادەم بىنادىن سەكرىۋالدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:nur.cn يوللىغۇچى: قەيسەر
فىرانسىيە پارىژدىكى بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىنىڭ 3-قەۋىتىدىكى ئۆيدە يېرىم كېچىدە بوۋىقىغا سۈت بەرمەكچى بولۇپ قوپقان يالىڭاچ ئەر ئوقۇشماسلىق تۈپەيلى ئالۋاستى دەپ قارىلىپ، 11 ئادەم قورققىنىدىن بىنادىن سەكرىۋالغان. بۇ غەلىتە جىن سوقۇش تۈپەيلى بىنادىن سەكرەش ھا
  

 

فىرانسىيە پارىژدىكى بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىنىڭ 3-قەۋىتىدىكى ئۆيدە يېرىم كېچىدە بوۋىقىغا سۈت بەرمەكچى بولۇپ قوپقان يالىڭاچ ئەر ئوقۇشماسلىق تۈپەيلى ئالۋاستى دەپ قارىلىپ، 11 ئادەم قورققىنىدىن بىنادىن سەكرىۋالغان.
بۇ غەلىتە «جىن سوقۇش» تۈپەيلى بىنادىن سەكرەش ھادىسسى  پارىژنىڭ  چەت رايونىغا جايلاشقان، پەقەت 6000 ئاھالىسى بولغان ۋىللىرېس بازىرىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ يەر ۋاقتى 23-ئۆكتەبىر يېرىم كېچە سائەت 3 دە، 30 ياشقا كىرگەن ياقا يۇرتلۇق ئەر بوۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن قوپۇپ كىيىملىرىنى كىيمەيلا بالىغا سۈت بەرگەن. ئويلىمىغان يەردىن بىر قەۋەتتە ئولتۇرۇشلۇق باشقا ياقا يۇرتلۇق قوشنىلار ئالۋاستى كۆرۈپ قالغان ئوخشايمىز، دەپ ئويلاپ 3-قەۋەتتىن كەينى-كەينىدىن ئۆزلىرىنى ئېتىۋالغان.
ساقچى تەرەپ ئاممىنىڭ جىددى تېلىفونىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە كىچىك ۋە چوڭلار بولۇپ، 11 كىشى يەردە ياتقان. ياردارلار جىددى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئىلىپ بېرىلغان، ياردارلارنىڭ ئىچىدىكى 4 ئايلىق بولغان قىز بوۋاقنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرنەي قازا قىلغان. بۇ جەرياندا «ئالۋاستى» ئەرنىڭ بىر قوشنىسى قولىغا پىچاق ئىلىپ بۇ ئەرنى يارلاندۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە ساقچىلار  ئەھۋالنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئېنىقلىماقتا.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!