ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

مەملىكەتلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتىگە ياردەم بېرىش يىغىنى ئېچىلدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ئىقتىدارى ئىلغار بولغان زامانىۋى مېتېئورولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ   يىغىندىن كۆرۈنۈش    شى چياۋمېي خەۋەر قىلىدۇ: 22 – ئۆكتەبىر ئېچىلغان مەملىكەتلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتىگە ي
  

قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ئىقتىدارى ئىلغار بولغان زامانىۋى مېتېئورولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ

 
يىغىندىن كۆرۈنۈش

   شى چياۋمېي خەۋەر قىلىدۇ: 22 – ئۆكتەبىر ئېچىلغان مەملىكەتلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتىگە ياردەم بېرىش يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات نىشانى بېكىتىلدى: 2015 – يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ جامائەت مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئىقتىدارىنى غەربىي رايون بويىچە ئىلغار سەۋىيەگە، ئۇنىۋېرسال مېتېئورولوگىيە كۆزىتىش ئىقتىدارى جامائەت مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى ۋە ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش تەلىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن قانائەتلەندۈرەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ. 2020 – يىلىغا بارغاندا، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ئىقتىدارى ئىلغار بولغان زامانىۋى مېتېئورولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار مېتېئورولوگىيە كاپالىتى ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇل مۇئەسسەسىلەر شارائىتى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئۆزىنى ئۆزى راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ، شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلىدۇ، بەزى ساھەدە مەملىكەت بويىچە ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ.

 
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى سۆز قىلماقتا
 
 
   دۆلەت مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جېڭ گوگۇاڭ سۆز قىلماقتا
 
 
بىڭتۇەننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى كۇڭ شىڭلۇڭ سۆز قىلماقتا
 
 
دۆلەت مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شۇرۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا

   دۆلەت مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جېڭ گوگۇاڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، بىڭتۇەننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى كۇڭ شىڭلۇڭ سۆز قىلدى. دۆلەت مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شۇرۇڭ ئاساسىي تېمىدا دوكلات بەردى ھەم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى يىغىنغا قاتناشتى.

   نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: دۆلەت مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتىگە ئۇزاقتىن بۇيان ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ جەھەتتىن شىنجاڭغا زور مەدەت ۋە ياردەم بېرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ 2005 – يىلىدىن بۇيان دۆلەت مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ ۋە ئەشيا قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مېتېئورولوگىيە ئىستانسىلىرىغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىغا مەدەت ۋە ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىدا مىسلىي كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈپ، مېتېئورولوگىيە كەسپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، مۆلدۈر ئاپىتىنى تىزگىنلەش، بوشلۇقتىكى سۇ بايلىقىنى ئېچىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى.

   نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ چوڭ مېتېئورولوگىيە رايونى شۇنداقلا ئېلىمىز مېتېئورولوگىيەسىنىڭ ئالدىنقى سېپى، شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە ئىشلىرى شىنجاڭ شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ قېتىم ئېچىلغان مەملىكەتلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتىگە ياردەم بېرىش يىغىنى شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولىدۇ، يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، مېتېئورولوگىيەدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش چوڭ تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ۋە تۈرلۈك يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ياخشى مۇھىت ۋە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى پەللە، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

   جېڭ گوگۇاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئاساسىي تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېزدىن ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، جەمئىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشى، ئۇل مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى ۋە خاس ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش، تەرەققىياتنى ئەلالاشتۇرۇپ، مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنىڭ پەن – تېخنىكا سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، شۇنداقلا تەرەققىياتنى ماسلاشتۇرۇپ، مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى، پونكىت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

( مۇھەررىر : ئايگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!