
پيوڭياڭ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى مىللىيچە ناخشا - ئۇسسۇلىنى ئورۇندىماقتا
20 - ئۆكتەبىر كەچتە ، چاۋشيەن پيوڭياڭ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ‹‹ھۈپپىدە ئېچىلغان جېندالەي›› ناملىق ئويۇنى چىڭداۋدا قويۇلدى. مەيداندىكى تاماشىبىنلار چاۋشيەننىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوغا ئۇسسۇلى، يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى، داپ ئۇسسۇلى قاتارلىق ئەنئەنىۋى مىللىيچە ناخشا - ئۇسسۇللىرى ، قالون كۈيى ۋە ئەنئەنىۋى خەلق ناخشىلىرىدىن قانغۇچە بەھرىلەندى . ئىگىلىنىشىچە، ‹‹ھۈپپىدە ئېچىلغان جېندالەي›› پيوڭياڭ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مەخسۇس جۇڭگودا سەييارە ئويۇن قويۇش ئۈچۈن تەييارلىغان يېڭىچە ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكى بولۇپ ، جۇڭگودا 50 مەيدانغا يېقىن سەييارە قويۇلغان بولۇپ ، تاماشىبىنلارنىڭ سانى 100 مىڭ ئادەم (قېتىم) غا يەتكەن .

قالون كۈيى


ئارتىسلار دۇمباق ئۇسسۇلى ئوينىماقتا

ئارتىسلار ‹‹گۈل ساتقۇچى قىزلار›› ئۇسسۇلىنى ئوينىماقتا