2010- يىلى 10- ئاينىڭ 20- كۈنى، فۇجيەن لوڭيەن شەھىرى شىنلو رايونى شىجوڭ بازىرى ياڭدوڭ كەنتىدە بىر تاش تالقىنى زاۋۇتىدا يەر يۈزى كارسىتى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقە يۈز بەرگەندە گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش رايونىدىكى ئالتە ئىشچى ئورەك ئىچىگە كۆمۈلۈپ قالغان. ئورەكنىڭ دېئامېتىرى تەخمىنەن 50 مېتىر بولۇپ، يەر يۈزى كۆلىمى 2000 كۇۋادرات مېتىر ،چوڭقۇرلىقى 30 مېتىرسىڭغىيىپ قالغان ئۆيلەر بولسا بۇ زاۋۇتنىڭ زاۋۇت ئۆيى ۋە ئاشخانىسى .
ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كارىست ھەجىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ،ھەممىسىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن ياكى ئەمەسلىكىنى ھۆكۈم قىلالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، شەھەرلىك ھۆكۈمەت گىئولوگىيە مۇتەخەسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى.