ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

كېچە - كۈندۈز ئۇچالايدىغان يەرشارى بويىچە تۇنجى قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئايروپىلان ياۋروپا ئىتتىپاقى سارىيىدا كۆرگەزمە قىلىندى

2010-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
    شىنخۇا تورى ، شاڭخەي ، 12–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : يېقىندا ، Solvay شىركىتىنىڭ ‹‹قۇياش قوزغىتار›› ى (Solar Impulse) شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى بېلگىيە \ ياۋروپا ئىتتىپاقى سارىيىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئايروپىلان پائالىيەت كۈنىدە كۆرگەزمە قىلىنىپ ، ئاممىغا
  

    شىنخۇا تورى ، شاڭخەي ، 12–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: يېقىندا ، Solvay شىركىتىنىڭ ‹‹قۇياش قوزغىتار›› ى (Solar Impulse) شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى بېلگىيە \ ياۋروپا ئىتتىپاقى سارىيىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئايروپىلان پائالىيەت كۈنىدە كۆرگەزمە قىلىنىپ ، ئاممىغا كېچە–كۈندۈز ئۇچالايدىغان يەرشارى بويىچە تۇنجى قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئايروپىلان تونۇشتۇرۇلدى . دۇنيا يەرمەنكىسى بېلگىيە \ ياۋروپا ئىتتىپاقى سارىيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان بۇ ئايروپىلان مودېلىنىڭ نىسبىتى 1:4، قانات ئۇزۇنلۇقى 16 مېتىر كېلىدۇ.

شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى بېلگىيە \ ياۋروپا ئىتتىپاقى سارىيىدىكى ‹‹قۇياش قوزغىتار›› مودېلىنىڭ 12– ئۆكتەبىر تارتىلغان سۈرىتى

   ‹‹قۇياش قوزغىتار›› ــــ يەرشارىدىكى تۇنجى كېچە–كۈندۈز ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئايروپىلان. ئۇنىڭغا ھېچقانداق خىمىيە–نېفىت يېقىلغۇسى ئىشلىتىلمەيدۇ ، ئۇ پەقەت پۈتۈنلەي قۇياش ئېنېرگىيەسىگە تايىنىدىغان بولۇپ، مۇھىتنى قەتئىي بۇلغىمايدۇ. 2010–يىلى 7–ئىيۇل ، ‹‹قۇياش قوزغىتار›› قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئايروپىلان HB-SIA تۇنجى قېتىم كېچە–كۈندۈز ئۇچۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرغان. 22–سېنتەبىر ، ‹‹قۇياش قوزغىتار›› شۋېتسارىيەنى كېسىپ ئۆتۈش سەپىرىنى باشلىغان بولۇپ ، ئوخشاشلا ئوڭۇشلۇق بولغان.

   ‹‹قۇياش قوزغىتار›› نىڭ ئىجادچىسى ، قوشۇمچە شىركەت لېدىرى Bertrand Piccard ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ‹‹بىز 2010–يىللىق شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىگە قاتنىشالىغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمىز ، دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ چوڭ سەھنىسىدە ، جۇڭگوغا ، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا سىجىل ئېنېرگىيەنىڭ ئىشلىتىلىشىنى نامايان قىلىپ ، ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىمىز››.

   ئۇ يەنە تەكىتلەپ: ‹‹ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ پىلانىدا 2013–يىلى قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئايروپىلاننىڭ يەرشارى سەپىرى باشلىنىدۇ. بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ ، جۇڭگودا توختاش (جۇڭگونى ئۆتەڭ قىلىش)، ھەتتا يەرشارى سەپىرىنى جۇڭگودىن باشلاشنى بەك ئارزۇ قىلىمىز›› دېدى.

   ئىگىلىنىشىچە ، ‹‹قۇياش قوزغىتار›› تۈرى 2003–يىلى باشلانغان بولۇپ ، 10 يىلدا 100 مىليون دوللار مەبلەغ سەرپ قىلىپ، كېچە–كۈندۈز ئۇچالايدىغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىپ ياساپ ، دۇنيانى ئايلىنىپ ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلانغان ئىكەن . ھازىرغىچە ، بۇ تۈرگە 80 مىليون دوللار مەبلەغ جۇغلانغان . ‹‹ ‹قۇياش قوزغىتار› نى قوللايدىغان سودىگەرلەر ئاساسلىقى ياۋروپادا ، بىز جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭمۇ يەرشارى خاراكتېرلىك بۇ ئىلىم–پەن تەتقىقات تۈرىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز›› دېدى Piccard.

( مۇھەررىر : شەرىپە )


خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!