شىنجاڭ ، گەنسۇ قاتارلىق توققۇز ئۆلكە ، رايوندا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 13–ئۆكتەبىر مەخسۇس تېلېگراممىسى : مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ 13–ئۆكتەبىر تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا ، كەلگۈسى بىر ھەپتىدە ئۈچ تەرەپتىن كىرگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى مەملىكىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، شىنجاڭ ، گەنسۇ ، شىزاڭ ، چىڭخەي ، گەنسۇ ، خېيلۇڭجياڭ ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق توققۇز ئۆلكە ، رايوندا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن .
10–ئاي كىرگەندىن بۇيان ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەدرىجىي كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ قىش پەسلىگە قەدەم قويغان رايونلارنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيگەن . 13–ئۆكتەبىرگىچە ، شىمالىي شىنجاڭ ، شىزاڭ ، چىڭخەينىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ، گەنسۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ، سىچۈەننىڭ غەربى ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي شىمال رايونلىرى ، خېيلۇڭجياڭ ، جىلىن ئۆلكىلىرىنىڭ غەربى ۋە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا ئۇدا بەش كۈن ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃10 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان .
مۆلچەرلىنىشىچە ، 16–ئۆكتەبىردىن كېيىن ، شەرقىي شىمالنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ۋە شىنجاڭ ، چىڭخەي–شىزاڭ رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن .