ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا كۆزى يارلانغان ساقچى
ساقچى ماشىنىسى ئۆرۈۋىتىلدى
يەرلىكتىكى يېزا ئاھالىسى بىرلىشىپ ساقچىنى ئۇرماقتا
گۇاڭشى نەننىڭ 13-ئۆكتەبىر خەۋرى، شۇ كۈنى گۇاڭشى ساڭۋۇ ناھىيەسىدە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك چاڭجۇ سۇ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ مۇھىم بىر قۇرۇلىشى بولغان 3 ۋە 4-لىنيەسىدە قۇرۇلۇش باشلاش ئىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، كۆيدۈرۈپ چېقىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. نۆۋەتتە ۋەقە بېسىقتۇرۇلغان بولسىمۇ، نۇرغۇن ساقچى ماشىنىسى ۋە ساقچىلارنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ساڭۋۇ ناھىيەسىنىڭ ئەمەلدارىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، 13-ئۆكتەبىر، چۈشتىن بۇرۇن 7 لەر ئەتراپىدا، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك چاڭجۇ سۇ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ مۇھىم بىر قۇرۇلىشى بولغان 3 ۋە 4-لىنيەسىدە قۇرۇلۇش باشلاش ئەترىتى قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۇپراقنى ناھىيەدىكى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېنىدىكى بوش ئورۇنغا تۆككەن. بىراق لوڭشۈ كەنتىدىن تەخمىنەن 300 ئادەم توپلىشىپ چىقىپ بۇ قۇرۇلۇشنى توسىغان.
بۇ مەزگىلدە بۇ ناھىيەدىكى 100 گە يېقىن كادىر بۇ يېزىغا كىلىپ ئاممىغا ياخشى سۆزلەرنى قىلىپ ئىدىيە خىزمەت ئىشلىگەن. بىراق بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ۇرۇپ يارلانغان، يەنە نۇرغۇن ساقچى ماشىنىلىرى ئۇرۇپ چېقىلغان. يوللار توسۇلۇپ قالغان. بىراق خەلق يارلانمىغان. شۇ كۈنى 9 لار ئەتراپىدا ۋەقەنى كۆرگۈچى ئامما ۋە كەنىت ئاھالىسى تارقاقلىشىپ، قاتناش ئەسلىگە كەلگەن.