جۇڭگو ئاخبارت تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،كانادا يېقىندا ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ كاناداغا قاراپ ئۇچۇدىغان خەلق ئاۋىئاتسىيە نۆۋەت سانىنى كۆپەيتىش تەلىپىنى رەت قىلغاچقا،بىر مەيدان دېپلوماتىيە ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.سىنگاپور«سەھەر بىرلەشمە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كانادانىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىدىكى ھەربىي بازىسىنى تاقاپلا تاشلىماي،كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىنىڭ چېگرىدىن ئۆتىشىنى رەت قىلغان.
كانادا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىككى ئاۋىئاتسىيە شېركىتىنىڭ يېڭى ھاۋا لىنىيىسى ئېچىشىنى رەت قىلغانلىقتىن،ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىغان.
ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى كانادانىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن،كانادانىڭ دۇبەيگە قۇرغان«كۆلەڭگە گازارمىسى»ھەربىي بازىسىنى تارقىتىپ تاشلاشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.بۇ بازا ئافغانىستاندىكى ش ئا ئە ت قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ترانسىپورت لىنىيىسىنىڭ مۇھىم بىر بېكىتى،بۇ ئىش چىقماستىن ئىلگىرى ھېچكىم بىلمەيدىكەن.
كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيەدىن ھال سوراشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىگە قايتماقچى بولغاندا،مەخسۇس ئايروپىلانى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە توختاش تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن،ياۋروپاغا قاراپ ئۇچۇشقا مەجبۇر بولغان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!