ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە10-ئاينىڭ15-كۈنى باشلىغان كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ئارمىيە بىرلەشمە مانىۋېرىنىڭ مۇددىتى6كۈن بولۇپ،ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيىلىرىنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان.يېقىندا جەنۇبىي كورىيە،ئامېرىكا قاتارلىق14دۆلەت يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرلەشمە مانىۋېرى ئۆتكۈزىشى شىمالىي كورىيەنىڭ كۈچلۈك ئېتراز بىلدۈرىشىگە ئۇچرىدى،شىمالىي كورىيە بۇ مانىۋېرنى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك دەپ تەنقىد قىلدى.شىمالىي كورىيە10-ئاينىڭ15-كۈنى يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ،ئەگەر جەنۇبىي كورىيە شىمالغا قارشى پىسخىك ئۇرۇشنى توختاتمايدىكەن،جەنۇبىي كورىيەنىڭ پىسخىك ئۇرۇشى رادىئو ئەسلىھەلىرىگە ۋە تەشۋىقات تارقىتىش مەركىزىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«ياڭراق گۈلدۈرماما»ناملىق ھەربىي مانىۋېر كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىكى ھاۋا بوشلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان،250دىن كۆپ ئۇچقۇچى ھەمدە كورىيە ئارمىيىسىنىڭF15K،KF16،ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭF16قاتارلىق50دانە ئۇرۇش ئايروپىلانى بۇ قېتىمقى مانىۋېرغا قاتناشقان.مانىۋېردا ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەقلىدىي دۈشمەننىڭ رولىنى ئېلىپ ھۇجۇم قوزغىغان،جەنۇبىي كورىيە،ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى دەرھال كەڭ كۆلەملىك قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللىگەن.كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ھاۋا ئارمىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان خەۋىرىدە،مانىۋېر شىمالىي كورىيەدىن كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ھاۋا ھۇجۇمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى دېيىلگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!