
21–ئۆكتەبىر ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ F–16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ گيېئوڭگى دوغا جايلاشقان ئوسان ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچۇشقا تەييارلانماقتا
كورىيە بىلەن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى مۇشۇ ئاينىڭ 15–كۈنى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىكى بوشلۇقتا ‹‹ئەڭ ياڭراق گۈلدۈرماما ئاۋازى›› شەرتلىك بەلگىلىك ‹‹ئادەتتىكىچە ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى›› ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى. مانېۋىر سەككىز كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ ، ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ، كورىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل يازدىن بۇيان، ‹‹تيەنئەن›› ناملىق پاراخوت ۋەقەسىدىن كېيىن يولغا قويغان بىر قاتار بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 250 نەچچە نەپەر ئۇچقۇچى مانېۋىرغا قاتنىشىدۇ. كورىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ F–15K ۋە F–16K يۈرۈشلۈك كۈرەشچى ئايروپىلانى ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ F–16 تىپلىق ‹‹لاچىن›› شەكىللىك ۋە KC–135 تىپلىق ‹‹تەڭ تېمپېراتۇرىلىق قاتلامدىكى ماي توشۇش كېمىسى›› شەكىللىك كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 تەك كۈرەشچى ئايروپىلان مانېۋىرغا قاتنىشىدۇ.

21–ئۆكتەبىر، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ F–16 تىپلىق ‹‹لاچىن›› شەكىللىك كۈرەشچى ئايروپىلانى كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ گيېئوڭگى دوغا جايلاشقان ئوسان ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچۇشقا تەييارلانماقتا
21–ئۆكتەبىر، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسى F–16 تىپلىق ‹‹لاچىن›› شەكىللىك كۈرەشچى ئايروپىلاننى ھەيدەپ، كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ گيېئوڭگى دوغا جايلاشقان ئوسان ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچتى