قىرغىزىستاننىڭ ئاساسلىق سىياسىي پارتىيىلىرىنىڭ بىرى بولغان«ئاتا-يۇرت»پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى قامچىبەك تاخىيېۋ( Kamchibek Tahiyev )تۈنۈگۈن(10-ئاينىڭ23-كۈنى) جاكارلىشىچە،ئۇ شۇ كۈنى بېشكەك ئەتراپىدىكى ئۆيىدە قەستكە ئۇچراپ يارىدار بولغان.
تاخىيېۋنىڭ كۆرسىتىشىچە،ھۇجۇم قىلغانلار50ئادەم ئەتراپىدا بولۇپ،ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ھەمدە ئۆيىگە ئۈسۈپ كىرمەكچى بولغان،مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن قوراللىق كىشىلەر ئوق ئېتىشقان،تاخىيېۋ يارىدار بولغان.
قامچىبەگ تاخىيېۋ شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قولى تېڭىلغان،بارماقلىرىدا قان يۇقى قېتىپ قالغان ھالدا قاتناشقان،يېنىدا ئون نەچچە مۇھاپىزەتچىسى بار ئىكەن.قىرغىزىستان بىخەتەرلىك تارماقلىرى ۋە ساقچى تەرەپ بۇ ۋەقەگە تېخى بايانات ئېلان قىلمىغان.
قىرغىزىستان مەركىزىي سايلام كومىتىتى10-ئاينىڭ12-كۈنى ئېلان قىلغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سىتاتىستىكا نەتىجىسىدە،سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى،«ئاتا-يۇرت»پارتىيىسى ھەمدە ئۆكتىچى پارتىيە «ئانا ماكان»پارتىيىسى،«ئار-نومۇس»پارتىيىسى ۋە«جۇمھۇرىيەت»پارتىيىسى قاتارلىق5پارتىيىنىڭ پارلامېنتقا كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!