ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

«ھەرە ئادەم مۇسابىقىسى» خۇبېيدا ئۆتكۈزۈلدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:nur.cn يوللىغۇچى: ئايگۇل
مۇشۇ يېقىندا ھەرە ئادەم مۇسابىقىسى خۇبېي ئۆلكىسى شياڭفان شەھىرى خۇاشىيا ھەسەل-ھەرىسى مۇزېيخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە 10 نەپەر پالۋان قاتناشقان بولۇپ، باش قىسمى ۋە بەدىنىگە نەچچە ئون مىڭلىغان ھەرە قوندۇرۇپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. مۇسابىقىگە قاتناش
  

 

مۇشۇ يېقىندا «ھەرە ئادەم مۇسابىقىسى» خۇبېي ئۆلكىسى شياڭفان شەھىرى خۇاشىيا ھەسەل-ھەرىسى مۇزېيخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە 10 نەپەر «پالۋان» قاتناشقان بولۇپ، باش قىسمى ۋە بەدىنىگە نەچچە ئون مىڭلىغان ھەرە قوندۇرۇپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
مۇسابىقىگە قاتناشقان كىشىلەر ئۆز ئارزۇسى بىلەن ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ، بەزىلىرى ئۈستۈنكى كىيمىنى سېلىۋىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەسەل-ھەرىسىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ھەرىلەر نىمە ئۈچۈن بۇنداق توپلىشالايدۇ؟ مۇزېيخانا مەسئول خادىمىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ھەرىلەرنىڭ پادىشاھلىرى ئوخشاش بولمىغان پۇراقلارنى چىقىرالايدىغان بولۇپ، باشقا ھەرىلەر مۇشۇ پۇراققا تايىنىپ توپلىشىدىكەن.
مۇسابىقىدىن كېيىن، بەزى ماھىرلارنىڭ بەدىنىنىڭ قىسمەن يەرلىرى قىزىرىپ ھۈرەك بولۇپ ئىششىپ كەتكەن. بىراق ئۇلار ھەسەل-ھەرىسى باققۇچى مەخسۇس تەربىيلەنگەن خادىملار بولۇپ، بۇلارغا كۆنۈپ كەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەسەل-ھەرىسى چاققان تەغدىردىمۇ جاننى ئالمايدىكەن

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!