ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

قازاقىستاندا كۆپلىگەن ماشىنىلار سوقۇلۇشۇپ11ئادەم قازا قىلدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:jahan123.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،قازاقىستان جىددىي ئەھۋاللار مىنىستېرلىكىنىڭ10-ئاينىڭ14-كۈنى دېيىشىچە، 10-ئاينىڭ13-كۈنى كەچتە ئىككى ئاپتوبۇس ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ،11ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋەقە ق
  

روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،قازاقىستان جىددىي ئەھۋاللار مىنىستېرلىكىنىڭ10-ئاينىڭ14-كۈنى دېيىشىچە، 10-ئاينىڭ13-كۈنى كەچتە ئىككى ئاپتوبۇس ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى  يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ،11ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ۋەقە قازاقىستاننىڭ بۇرۇنقى پايتەختى ئالمائاتا بىلەن روسىيەنىڭ ئىكاتېرىنبۇرگ شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان يولنىڭ ئارىسىدا يۈز بەرگەن،24ئادەم ئېلىپ ماڭغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ۋە17ئادەم ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇس ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى ئېغىر تىپتىكى يۈك ماشىنىسى بىلەن سوقۇلۇشۇپ كەتكەن.

ۋقە يۈز بەرگەندىن كېيىن،بۇ ئىككى ئاپتوبۇسقا ۋە بىر يۈك ماشىنىسىغا ئوت كەتكەن.يۈك ماشىنىسىنىڭ بىر شوپۇرى ۋە10نەپەر يولۇچى نەق مەيداندا قازا قىلغان،بارلىق قازا قىلغۇچىلار ئۆزبېكىستانلىق ئىكەن.7نەپەر يولۇچى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىدار بولغان،نۆۋەتتە ئۇلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!