
ماتېرىيال سۈرەت: ئەنۋەر ئائوراكى (Anwar Aoraki)
جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 8–نويابىر تېلېگراممىسى:چەت ئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىدا تۇغۇلغان يەمەنلىك ئەۋلادى ، رادىكال (ھەددىدىن ئاشقان) دىن تارقاتقۇچى ، بازا تەشكىلاتىنىڭ ‹‹توردىكى لادىن›› دەپ ئاتالغان مۇھىم ئاقساقىلى ئەنۋەر ئائوراكى شۇ يەر ۋاقتى 8–نويابىر سىن لېنتىسى ئېلان قىلىپ ، شېرىكلىرىنى ئامېرىكىلىقلارنى ئۆلتۈرۈشكە چاقىرغان . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئامېرىكىلىقلار شەيتاننىڭ بىر قىسمىدىن يارىتىلغان ئىكەن، شۇڭا ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا ، ئۇلارنى دىنىي بەلگىلىمىلەر بويىچە خالىغانچە قىرغىن قىلىشقا بولىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە ، شۇ يەر ۋاقتى 8–نويابىر ، ‹‹ئىنسانىيەتكە تولۇق بىلدۈرۈش›› نامىدىكى 23 مىنۇتلۇق ئەرەب تىلىدىكى سىن لېنتىسى بىر رادىكال توردا قويۇلغان . بۇ سىن لېنتىسىدا ، ئەنۋەر ئائوراكى ئەنئەنىۋى يەمەنچە كىيىنگەن بولۇپ ، بېلىگە بىر خەنجەر ئېسىۋالغان ھالدا ئۈستەلنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغان.
بازا تەشكىلاتىنىڭ يەمەندىكى تارمىقىنىڭ مۇھىم ئاقساقىلى بولغان ئەنۋەر ئائوراكى گەرچە ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنى قىلچە ياقتۇرمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇ ئامېرىكىلىقلارنى ‹‹ شەيتان پارتىيەسى›› دەپ ئاتايدۇ . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئامېرىكىلىقلارنى قىرغىن قىلىش ھېچقانداق دىنىي ئالاھىدە ئىجازەت تەلەپ قىلمايدىكەن ، چۈنكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەممىسى ‹‹شەيتان پارتىيەسى›› نىڭ ئەزالىرى سانىلىدىكەن . ئۇ: ئامېرىكىلىقلارنى ئۆلتۈرۈشتە ‹‹بىر كىمدىن سوراپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق›› دېگەن . ئۇ ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە يەمەننىڭ رەھبەرلىرىنى ‹‹ چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلەشكەن›› دەپ ئەيىبلىگەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھازىر ئىلاھىيەتچىلەر رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان پەيت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ئەنۋەر ئائوراكىنى ئىلگىرى ‹‹11–سېنتەبىر›› تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدىكى ئايروپىلان بۇلىغۇچى، خۇد ھەربىي ئىشلار بازىسى (Fort Hood) نى ئوققا تۇتۇش دېلوسىنى سادىر قىلغۇچى ، روژدېستۋو بايرىمىدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان ئايروپىلان بۇلاش دېلوسىدىكى باش جىنايەتچى ، نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى مەيدانىدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان پارتلىتىش دېلوسىدىكى باش جىنايەتچى قاتارلىق ئامېرىكا تەرىپىدىن چوڭ ‹‹تېررورچى ئۇنسۇر›› دەپ قارالغان كىشىلەرگە مەنىۋى مەدەت بەرگەن ۋە ۋەز ئېيتىپ ئۇلارنى تەشۋىق قىلغان ، ھەتتا پەردە ئارقىسىدا ئامېرىكىلىقلارغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى پىلانلىغان دەپ ئەيىبلىگەن.