ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئانا 4 ياشلىق قىزىنى جىنسىي قۇل بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بوغۇزلىۋەتتى

2010-يىلى11-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:hawarqi.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
قەبىھ ئانا مارسى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بوينى ۋە بېلىكىنى يارلاندۇردى ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق ئانا ناھايىتى قەبىھ ھالدا 4 ياشلىق قىزىنى بوغۇزلىۋەتكەن بولۇپ، بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەپ قىزىنىڭ كېيىن جىنسىي قۇل بولۇپ قېلىشىنى توسۇ
  

 

قەبىھ ئانا مارسى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بوينى ۋە بېلىكىنى يارلاندۇردى
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق ئانا ناھايىتى قەبىھ ھالدا 4 ياشلىق قىزىنى بوغۇزلىۋەتكەن بولۇپ، بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەپ قىزىنىڭ كېيىن جىنسىي قۇل بولۇپ قېلىشىنى توسۇش ئىكەن. ساقچى تەرەپ نۆۋەتتە بۇ ئايالنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، 43 ياشلىق مارسى ئالدى بىلەن قىزىغا تىنىچلاندۇرۇش دورىسى يىگۈزۈپ، ئاندىن قەبىھلىك بىلەن قىزىنى بوغۇزلىۋەتكەن. كېيىن مارسى قىزىنىڭ قېنىدا مونچىنىڭ تېمىغا «تەڭرىنىڭ شەپقىتى» دەپ يېزىپ قويغان. ساقچى تەرەپ بۇ ئايالنىڭ قىزىنىڭ ئۆلىمىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك جاۋاپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. يەنى ئۇ قىزىنىڭ «توردىكى جىنسىي قۇل» غا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغان ئىكەن.
مارسىنىڭ 3 بالىسى بار بولۇپ، 10ياش ۋە 18 ياشلىق قىزى ئۆيىگە ئانىسىنى كۆرگىلى كەلگەندە بۇ پاجىئەنى كۆرۈپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان بولۇپ، ساقچىلار نەق مەيداندىن قاتلىغىلى بولىدىغان پىچاق تېپىۋالغان بولۇپ، بۇ پىچاق بەلكىم قاتىللىق ئۆتكۈزگەن پىچاق بولىشى مومكىن ئىكەن. مارسى يەنە ئۆزىنىڭ بوينى ۋە قولىنى كېسىۋالغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇنىڭ پىسخىكىسىنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى توغرا تاپقان. نۆۋەتتە، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!