ھىندسىتان پېشۋالار تورى 24-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ھەربىي خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھىندىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا بىر قىسىم ھەل قىلغۇچ ھەربىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلىغان، بۇ تۈرلەر يېڭى توپچىلار دېۋىزىيىسى ۋە ئالاھىدە قىسىمنى قۇرۇش ھەمدە 3 دانە يىراق مۇساپىلىق رازۋېتكا ئايروپىلانى سېتىۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېڭى توپچىلار دېۋىزىيىسى قۇرۇش خىزمىتى 2011-يىلنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدىكەن، ھىندىستان توپچىلار قىسمىدا، ھەربىر توپچىلار دېۋىزىيىسىگە 200 دىن ئارتۇق يىراق مۇساپىلىق زەمبىرەك سەپلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھىندىستان ئالاھىدە قىسىملارنى قۇرۇپ ۋە مەشىقلەندۈرۈپ، مۇبادا توقۇنۇش يۈز بەرسە، دۈشمەن ئارقا سېپىگە ئەۋەتىپ ئىستراتىگىيىلىك ۋەزىپە ئىجرا قىلدۇرىدىكەن. باشقا ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستان دۆلەتلىك تېخنىكا تەتقىقات تەشكىلاتى 3 دانە رازۋېتكا ئايروپىلانى سېتىۋالماقچى بولغان بولۇپ، ئايروپىلاننىڭ كېلىش مەنبەسى ئېھتىمال ئىسرائىلىيە بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇچۇر مەنبەسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ھالقىلىق تۈرلەر ئىككى ھەپتە بۇرۇن تەستىقلانغان، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن توپچىلار قىسىمى بىلەن ئالاھىدە قىسىم بۇلتۇر قۇرۇلغان 2 تاغلىق دېۋىزىيە بىلەن ماسلىشىپ خىزمەت قىلىدىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككى تاغلىق دېۋىزىيەنىڭ ھەر بىرىدە ئون مىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەر بار بولۇپ، ھىندىستاننىڭ شەرقىي چېگرىسىدىكى تاغلىق رايوندا مەخسۇس ئۇرۇش مەشىقى قىلغان. يېقىندا ھىندىستان بۇ ئىككى تاغلىق دېۋىزىيەگە ئىلغار قوراللارنى سەپلەپ بەرگەن ھەمدە يېڭى توپچىلار قىسىمىغىمۇ يېنىك تىپتىكى شراپنېل زەمبىرىكى سەپلەپ بېرىدىكەن.