ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

خۇ جىنتاۋ ئوباما بىلەن كۆرۈشتى

2010-يىلى11-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
     دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ11–نويابىر كورىيەنىڭ پايتەختى سېئولدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى . بۇ ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 7–قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .     خۇ جىنتاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ئىنسانل
  

     دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ11–نويابىر كورىيەنىڭ پايتەختى سېئولدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى . بۇ ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 7–قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

    خۇ جىنتاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ئىنسانلار 21–ئەسىرنىڭ ئىككىنچى 10 يىلىغا قەدەم قويدى . خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇپ ، قانداق قىلىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئاكتىپ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قانات يايدۇرۇش بىز ئىككى دۆلەت ئالدىدىكى مۇھىم تېما . بۇ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ كەلگۈسىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ . جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىر يولدا ، سۆھبەت ، ئالاقە ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىپ ، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى سىجىل ، ساغلام ، مۇقىم يۆنىلىشتە ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ .

   ئوباما مۇنۇلارنى بىلدۈردى : رەئىس خۇ جىنتاۋ بىلەن 7–قېتىم كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئامېرىكا–جۇڭگو ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ ، ھەر ساھە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئىقتىسادىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەمدە خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلەر توغرىسىدا كەڭ–كۆلەملىك ، چوڭقۇر مەسلىھەتلىشىش ئېلىپ بېرىپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچلۈك ، مۇستەھكەم تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى . ئامېرىكا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ، سىجىل ، مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ سۆھبەت ۋە كېڭىشىشىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ .

   خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى : جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاكتىپ ۋە ئىجابىي بولغان جۇڭخۇا سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ . ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا ، جۇڭگو–ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىشى ، قولمۇ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ، كۇنسايىن كۆپىيىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ ، جۇڭگو–ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشى كېرەك . كېيىنكى باسقۇچتا ، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كېلىدۇ . ئىككى تەرەپنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، ھەر ساھە ئالماشتۇرۇش ، ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئالغا سىلجىتىپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاكتىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن .

   خۇ جىنتاۋ يەنە مۇنداق دېدى : جۇڭگو–ئامېرىكا ئىقتىساد–سودا مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلۈپ ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە يەتتى . ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئېكىسپورتى داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئېشىپ ، ئامېرىكىنىڭ باشقا ئاساسلىق سودا شېرىكلىرىگە قاراتقان ئېكىسپورتىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى . جۇڭگو تەرەپ ئىقتىساد–سودا مەسىلىسىدە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئىجابىي ئالاقە ئېلىپ بېرىپ ، ئىختىلاپنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى تېپىشنى خالايدۇ . جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ يىل 6–ئايدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى شەكىللىنىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى ئىقتىساد ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى دۇچ كەلگەن ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ ، ئاسانغا توختىمىغان . جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى شەكىللىنىش مېخانىزمى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى قارارى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ ، لېكىن ، بۇ ئىسلاھات ياخشى بولغان دېپلوماتىيە مۇھىتىگە ئېھتىياجلىق .

   ئوباما مۇنۇلارنى بىلدۈردى : سىجىللاشقان يەر شارىنىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان خەلقئارا ئىقتىساد ، سىياسىتىدىكى نىشانى . ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ ، ھەر قايسى تەرەپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن ، ئامېرىكا تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ، سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ .

   ئىككى تەرەپ يەنە ، چاۋشىيەن يېرىم ئارال ۋەزىيىتى ، ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر