توردا ئېلان قىلىنغان رەسىم
بىرلەشمە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 3-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى بىن.لادېن ئۆتكەن ئىككى كۈندە ئېنتېرنېت تورى ئارقىلىق سۆز قىلىپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنى پاكىستاندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم قولىنى سۇنۇشقا چاقىرغان. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى شۇكى، خەۋەردە، بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا بىن.لادېننىڭ سۆز قىلىشى «خېلىلا مۇلاھىملىشىپ قالغان».
بۇ ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 1-ئۆكتەبىر لادېننىڭ بىرىنچى قېتىم سۆز قىلغان كۆرۈنمە چاستوتىلىق ماتىرىيالى توردا كۆرۈنگەندىن كېيىن، بۇ 11 مىنۇتلۇق ماتىرىيالدا لادېن ناھايىتى مۇلاھىملىق بىلەن سۆز قىلغان. شۇنداقلا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پاكىستانغا ياردەم قىلمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.
ئىگىلىنىشچە بۇ ماتىرىيالنى مەخسۇس بازا تەشكىلاتىنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقات گۇرۇپپىسى تورغا ئېلان قىلغان ئىكەن. بۇ لادېننىڭ بۇ يىل 3-ئايدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاشكارە «ئاۋازىنى ئاڭلىتىش» ى بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ كۆرۈنمە چاستوتىنىڭ راستلىقىغا ھۆكۈم قىلىش تەس ئىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 2-ئۆكتەبىر، ئىككىنچى قېتىم ئېلان قىلىنغان 13 مىنۇتلۇق كۆرۈنمە چاستوتىدا، لادېننىڭ ئۆزى كۆرۈنمىگەن. پەقەت ئۇ سۆز قىلغان ماتىرىيالدا ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئاللىبۇرۇن تونۇش بولغان سۆرىتى چىقىرىلىپ، سۆرەتنىڭ يېنىغا ئاپەتكە ئۇچرىغان پاكىستان خەلقىنىڭ سۆرىتى قىستۇرۇلغان.
لادېن ئىككىنچى قېتىم ئېلان قىلغان ماتىرىيالىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئاپەت تولىمۇ ئېغىر.... بىز تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ، پاكىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك». لادېن سۆز قىلغاندا بۇرۇنقىغا ئوخشاش غەرب دۆلەتلىرىنى تەنقىد قىلمىغان. ئەكسىچە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تېمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى، مۇھىتنىڭ يەر شارى خاراكتىرلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى تۈپەيلى ئېغىر ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى...
بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى بىن .لادېننىڭ بۇ ئىككى قېتىم «سۆز قىلىپ» پاكىستان خەلقىگە ياردەم بېرىشكە چاقىرىشى، بىن.لادېن ۋە بازا تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.