7-ئۆكتەبىر، چىلىدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خادىمى يالكاڭدىرو.پىنو (ئوڭدا) سان خوسې مىس كانىدا ئالاھىدە بىر قارا كۆز ئەينەكنى كۆرسەتمەكتە
بۇ كۆزئەينەك ئىككى ئايدىن بېرى قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچراشمىغان كان ئىشچىلىرىنىڭ قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن كۆزىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن تەييارلانغان ئىكەن. چىلى ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە، قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئويۇلغان ئورەك 9-ئۆكتەبىر تامام بولىدىغان بولۇپ، قاپسىلىپ قالغان كان ئىشچىلىرى بەلكىم كىلەر ھەپتە قۇتۇلدۇرۇلۇپ چىقىلىشى مومكىن ئىكەن. چىلى سان خوسې مىس كانىغا قاپسىلىپ قالغان 33 نەپەر كان ئىشچىسى 700 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كاندا قاپسىلىپ قالغىلى 2 ئاي بولدى.