ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندونېزىيەدىكى يەر تەۋرەش ۋە يانار تاغ پارتىلاشتا 300 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ28-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
دېڭىز شاۋقۇنى قىرغاقتىكى رايونلارنى ۋەيران قىلدى    جۇڭگو ئاخبارات تورى 28-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى :  ھىندونېزىيە يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ،  يەر تەۋرەش ، دېڭىز شاۋقۇنى ۋە يانار تاغ پارتىلاش قاتارلىق تەبئىي ئاپەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان بولۇپ ،  27-ئۆكتەبىرگىچ
  

دېڭىز شاۋقۇنى قىرغاقتىكى رايونلارنى ۋەيران قىلدى

   جۇڭگو ئاخبارات تورى 28-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى :  ھىندونېزىيە يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ،  يەر تەۋرەش ، دېڭىز شاۋقۇنى ۋە يانار تاغ پارتىلاش قاتارلىق تەبئىي ئاپەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان بولۇپ ،  27-ئۆكتەبىرگىچە بۇ ئاپەتلەردە قازا قىلغانلار 341 گە يەتكەن .

  شۇ يەر ۋاقتى 25-ئۆكتەبىر كەچ سائەت 9 دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە ،  ھىندونېزىيە سۇماتېرا ئۆلكىسىنىڭ مېنتاۋاي تاقىم ئارىلى يېنىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 7.2 بال يەر تەۋرىگەنلىكتىن ، دېڭىز شاۋقۇنى كۆتۈرۈلۈپ ، قىرغاقتىكى ئون نەچچە كەنت سۇ ئاستىدا قالغان ، 27-ئۆكتەبىر ، يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان دېڭىز شاۋقۇنى سەۋەبلىك قازا قىلغانلار 311 گە يەتكەن ، يەنە نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئىز دېرىكى بولمىغان ، 20 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالغان .  

   يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز شاۋقۇنى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ شەرق تەرىپى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1300 كىلومېتىر كېلىدىغان جاۋا ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان مېلاپى يانار تېغى 26-ئۆكتەبىر پارتىلاپ ، 30 ئادەم قازا قىلغان ، 17 ئادەم يارىلانغان .

دېڭىز شاۋقۇنى قىرغاقتىكى رايونلارنى ۋەيران قىلدى

پارتىلىغان يانار تاغ

يانارتاغ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر بىخەتەر جايغا تارقاقلاشتۇرۇلدى

يانار تاغ پارتىلىدىغاندىن كېيىن ئەتراپتىكى كەنتلەر يانارتاغ كۈلى ئاستىدا قالدى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )


خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!